رۇسىيەنىڭ بىر يادرو ئېلېكتىر ئسىتانسىسىدىن رادىيو ئاكتىپلىق ماددا چىقىپ كەتتى

      رۇسىيە <<كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى>>نىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ لېنىنگراد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يېقىندا رادىيو ئاكتىپلىق ماددا ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئارقىدىنلا ئاتوم قازىنى ئايلىنىشتىن توختاپ قالغان. نۆۋەتتە ئالاقىدا تەرەپلەر ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرمەكتە.   خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋەقە 18-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، لېنىنگراد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق گۇرۇپپا پار تۇرۇبا يولى يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن رادىيو ئاكتىپلىق ماددىلار ئېقىپ چىققان. بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، قويۇپ بېرىلگەن رادىيو ئاكتىپلىق ماددىلارنىڭ خەتىرى يوقكەن.

   ئەمما ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئىشقا نىسبەتەن تولىمۇ ھۇشيار بولغان. فىزىكىشۇناس، ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسى ئوليېگ پودلوفنىڭ خىزمەت نۇقتىسى سوسنۇۋى بورغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتوم قازىنى بىلەن بولغان ئارىلىقى بەش كىلومېتىرلا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئېقىپ كەتكەن پار بەلبېغىنىڭ رادىيو ئاكتىپلىق خۇسۇسىيىتى باركەن، ئەمما ئېقىپ كېتىش كۆلىمى ئېنىق ئەمەسكەن. يېرىلىپ كەتكەن تۇرۇبا يولى ئاساسىي تۇرۇبا يولى ئەمەس بولۇپ، نۆۋەتتە ئەتراپتنىڭ رادىياتسىيا قىممىتى نورمال سەۋىيەدە ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىزمەتچى خادىملار تېزلىكتە يۆتكەلگەن، ئاتوم قازىنىمۇ ئايلىنىشتىن توختىغان. لېنىنگراس ئوبلاستلىق سەھىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى سائەت 15:00 لەردە، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئايال خىزمەتچىسى يۇقىرى قان بېسىمى تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئەمما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بۇ ئايالنىڭ كېسىلىنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

  لېنىنگراد يادرو ئېلېكىتىر ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ئالاقزادە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان. شۇنداقتىمۇ بۇ قېتىمقى ۋەقە سوسنۇۋى بور ۋە ساينت پېتېربۇرگدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنى ساراسىمگە سېلىپ قويغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوسنۇۋى بور رايونىدا يودنىڭ سېتىلىشى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بىر قىسىم پېتېربۇرگلىقلار ماشىنىلىرى بىلەن شەھەرنىڭ يەنە بىر چېتىگە بېرىۋالغان، ھەتتا يوللاردا قىستاڭچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزىلەر بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن 1986-يىلىدىكى چېرنوبىل ۋەقەسىنى ئەسكە ئالغان.

  سوسنۇۋى بور فىنلاندىيە قولتۇقى بويىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇ ۋەقە قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. فىنلاندىيە نازارەتچى تارماقلىرى رۇسىيە تەرەپتىن بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئېستونىيە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى رادىياتسىيە قىممىتىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، لېنىنگراد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ساينتپېتېربۇرگنىڭ غەربىدىن 80 كىلومېتىرلىق ئورۇندىكى سوسنۇۋى بورغا جايلاشقان بولۇپ، 1973-يىلى قۇرۇلغان، تۆت يادرو ئاتوم قازىنى ئايلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
23-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-02-2016
       ئادەتتە، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، تۇيۇقسىز باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، بەزىلەر بۇ قان ئازلىقنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايدۇ. بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقق...
01-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىملىق ئەلرايى تەكشۈرۈشى ۋە ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە ئەرزان ماي باھاسى ئامېرىكا خەلقىنىڭ خېلى كۆپ پۇلىنى تېجەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىستىمال...
01-02-2016
2015-يىلى ئېلىمىزدە ئىستېمالنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %66.4 كە يېتىپ، 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتتى. ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتت...
01-02-2016
         تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيە نېفىت ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى ئەسلىدىكى ھەر توننىسىغا 73.3 دوللاردىن 52 دوللارغا تۆۋەنلەتكەن، تۆۋەنلىتىش چاستۇتىسى %29 كە يە...
01-02-2016
1- ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو نېفىتلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، شىركەت مالىيە بۆلۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىشىچە، 2015-يىلى بازارغا سېلىنغان پايدىن كەلگەن پايدا ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60-%70 كىچە تۆۋە...
26-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
26-01-2016
      ئۇدا ئىككى سودا كۈنى ئۆسكەندىن كىيىن، ماي باھاسى بۈگۈن يەنە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتى. WTI خام نېفىت باھاسى ئىككى سائەت ئىچىدىلا ھەر تۇڭى 32.74 ئامېرىكا دوللىرىدىن 30.88 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ %6 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. ...
23-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
21-01-2016
    خەلقئارا نېفىت باھاسى 20-يانۋار شىددەت بىلەن %7كە يېقىن چۈشتى، بۇ يىل كىرگەن دىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسى تۈز سىزىق بىلەن تۆتتىن بىرىچىلىك چۈشتى. 20-يانۋار نيۇيورك خەلقئارا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى ھەر باكى 27 ئامېر...
20-01-2016
     بازار تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نيۇيورك نېفىت باھاسى 19-يانۋار داۋاملىق تۆۋەنلىدى.       19-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مال...
Powered by Leglek