گىتلېر نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەينى چاغدا مەخسۇس فوتوگراف تەكلىپ قىلىپ، مەشىق ئەھۋالىنى سۈرەتكە تارتقۇزغان. گىتلېر كېيىن فوتوگرافقا سۈرەتلەرنى يۇيۇۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، فوتوگراف سۈرەتلەرنى ساقلاپ قالغان، نەتىجىدە يېقىندا بۇ سۈرەتلەر توردا ئاشكارىلانغان.
بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان بولۇپ، فوتوگرافنىڭ ئىسمى ھېنرى كافمەن ئىكەن. گىتلېر بۇ سۈرەتلەرگە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، رەسمىي نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ھالەتتە چۈشكەن. فوتوگرافمۇ گىتلېرنىڭ جۇشقۇنلۇق بىلەن مۇشتىنى تۈگكەن، گاھىدا ئاسمانغا قاراپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالەتلىرىنى، چىراي ئىپادىلىرىنى تولۇق تارتىۋالغان.
سۈرەتلەردە گىتلېر خۇددى كىنودا رول ئېلىۋاتقاندەكلا كۆرۈنگەن. گىتلېر سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ھەرىكەتلىرىنى تۈزىتىپ، تەكرار چۈشۈپ مەشىق قىلغان. تارىخشۇناس مور ھاۋۇسنىڭ قارىشىچە، گىتلېر شۇ دەۋردىكى ئاتاقلىق سىياسىيون بولغاچقا، ئوبرازىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved