ھېكمەتلەر
ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى.
ئادەم ھەرقانداق چاغدا ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك. ئۆزۈڭگە ئىشەنسەڭ باشقىلار ساڭا ئىشىنىدۇ، ئەگەر ئۆزۈڭگە ئىشەنمىسەڭ باشقىلار قانداقمۇ ساڭغا ئىشەنسۇن.
پەقەت ياشاشتىكى نىشان بىلەن ئۆزىمىزگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ بولغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن ھاياتمۇ بەختىيارلىققا تولۇپ، خوشال - خۇرام، مەنىلىك ياشايمىز.
كىتاب بولسا ئەڭ سەۋرچان، ئەڭ چىداملىق، كىشىگە خوشاللىق ئاتا قىلىدىغان ياخشى ھەمراھتۇر، مەيلى سىز قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق، جاپا - مۇشەققەت، ئېغىر كۈنلەرگە قالسىڭىزمۇ پەقەت كىتابلا سىزگە تەسەللى بېرىدۇ، سىزنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ.
كىتاب بولسا بىزنى گۈزەل، مەنزىرىلىك جايلارغا باشلاپ بارىدۇ، شۇنداقلا بىزنى يەنە ھەرقايسى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت، تېخنىكا، ئەقىل - پاراسەت، ئۇلۇغ كەشپىياتلار ... بىلەن تونۇشۇشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ.
سىز ھەرگىزمۇ تەلىيىڭىزنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئالتۇندەك ياشلىقىنى قەدىرلەپ تىرىشىپ بىلىم ئىگلەڭ.
ياشاشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ توختىماي ئىزدىنىپ بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش، ئۆزىنىڭ بىلىدىغان بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز كۆپەيىتىپ تۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
پەقەتلا بىلملا غايەت زور بايلىق مەنبەسىدۇر، بۇ خۇددى يەر قانچىكى مۇنبەت بولسا، ئېرىشىدىغان مول - ھوسۇلىمىزمۇ شۇنچە كۆپ بولغىنىغا ئوخشايدۇ، مەدەنىيەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش راۋاجلىنىپ گۈللىنىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved