ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 20-ئايلانمىسىدا، بارسېلونا 6-0 نەتىجە بىلەن بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقە مېسسىنىڭ 329-مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، مېسسى مادرىدنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى دىستېفانونىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىش رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى. مېسسى 329 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە بارسېلوناغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان، دىستېفانو بولسا مادرىدقا ۋاكالىتەن 282 مەيدان ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 47 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
مېسسى بۇ 329 مەيدان مۇسابىقىدە 296 توپ كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگگن توپچى بولۇپ قالغان، مېسسى بارسېلونادا 12 پەسىل توپ تېپىپ، 7 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، دىستېفانو مادرىدقا ۋاكالىتەن 11 پەسىل توپ تېپىپ، 8 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ئۈچ توپچى بولسا، زۇبىزارېتا 622 مەيدان، رائۇل 553 مەيدان، يۇسىبىئو 545 مەيدان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved