ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى؛ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ، 2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ساھىپخان مەيدانى ئۈرۈمچى قىزىل تاغ تەنتەربىيە سارىيىدا سىچۋەن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ كوماندىسى كەسكىن مۇسابىقىلىشىپ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق رەقىبى سىچۋەن كوماندىسى ئۈچ چەتئەللىك ئەزاسىنىڭ 88 نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى 104-115 نەتىجە بىلەن سىچۋەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ، ئۇمۇمى نۇمۇردا 0-3 نەتىجە بىلەن سىچۋەن كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نۇمۇر ئالدى؛ چەتئەللىك ياردەمچى ماھىر ئاندىرى بلاتچى 33 نۇمۇر، 9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ كوتتۇن 18 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ لى گېن 16 نۇمۇرئالدى، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 16 نۇمۇر ئالدى، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛جۇچى 5 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى، 1 قىتىم توپ ئۇرىۋەتتى؛ شىرئەلىجان مۇختەر 4 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىيۇۋىي 4 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋىي4 نۇمۇرئالدى، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭ لىي 4 نۇمۇرئالدى.
يەنە بىر مەيدان يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گۇئاڭدۇڭ كوماندىسى مىھمان مەيداندا 97-96 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇمۇمى نۇمۇرنى 1-2 قىلىپ ئۆزگەرتتى.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكېتبول توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى تەجىربە ساۋاقلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىگە ياخشى تەييارلىق قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمىز، بىز شىنجاڭ كوماندىسىنى مەڭگۈ قوللايمىز. خەير-خوش شىنجاڭ كوماندىسى كىلەر پەسىللىك مۇسابىقىدە كۈرۈشەيلى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved