MWC2016 مەزگىلىدە، ئەلكاتېل (alcatel) شىركىتى ئۇزۇنغا قالماي نۇسخىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يانفونى Idol Pro 4 نى ئېلان قىلىدىغانلىقى، بۇ يانفونغا سنەپدراگون 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۈگۈن داڭلىق ئۇچۇر ئاشكارىلىغۇچى evleaks نىڭ مىكرو بىلوگىدا Idol Pro 4 نىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلانغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ Win10 Mobile سىستېمىسى قاچىلانغان Alcatel Idol 4S ئىكەن.
ئىلگىرىكى ئۇچۇرلاردا ئەلكاتېل Idol Pro 4 يانفونىغا سنەپدراگون 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 64GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P ياكى 2K گە يېتىدىغان ئېكران، 10 مىليون ۋە 22 مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلىنىدىغانلىقى، Windows 10 Mobile RedStone 1 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئەمما ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، Idol Pro 4 يانفونىنىڭ سەپلىمىسى ئاندرويىد نۇسخىسىدىكى Idol 4S بىلەن بىردەك بولۇپ، سىرتقى شەكلىمۇ پەرقلەنمەيدىكەن، ئۇنىڭغا سنەپدراگون 652 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، MicroSD كارتا ئورنى، ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K گە يېتىدىغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، سەككىز مىليون ۋە 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلىنىدىكەن، باتارىيە سىغىمى 3000 مىللىئامپىر بولىدىكەن.
ئاندرويىد نۇسخىسىدىكى Idol 4S يانفونى
Idol Pro 4 يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋە بازارغا سېلىنىش ۋاقتى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ «بىر تۇغقان سىڭلىسى» بولغان Alcatel Idol 4S يانفونىنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىمۇ MWC2016 چوڭ يىغىنىدا ئېنىق ئاشكارىلانمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved