ئەھمەد رەيسۇنى: مىسىر ھەربىي ئىنقىلابى ئەرەب باھارىغا قارشى! دېدى

جاھان ئاگېنتلىقى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى باش كاتىبى ياردەمچىسى ئەھمەد رەيسۇنى، مىسىردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا قارشى ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيەگە، مىسىر خەلقىگە، ئەرەب باھارىغا ۋە ئەرەب باھارىنىڭ نىشانلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەھمەد رەيسۇنى، ئەرەب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەرەب باھارى مۇساپىسىدە ئىنقىلابقا قارشى تۇرغۇچىلار يۈرگۈزگەن زوراۋانلىققا رەددىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەھمەد رەيسۇنى ماراكەشتە 1996-2003 يىللىرى ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان «تەۋھىد ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى بولغان بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىنقىلاب مۇساپىسى ھەققىدە، «2010-يىلىدا تۇنىستا تىنچ ھەرىكەت سۈپىتىدە باشلانغان ئەرەب باھارى بىلەن خەلقلەر، تىنچ يول بىلەن زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان ۋە بۇنىڭ سايىسىدە ئەل قائىدە تېرور تەشكىلاتى بىلەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئازايغان ئىدى. تېرورنىڭ يۇقىتىلىشى پەقەت سەۋەبلىرىنىڭ يۇقىتىلىشى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ، قولغا ئېلىش ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئېلىنغان قەدەملەر يىتەرلىك ئەمەس، مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ» دېدى.
رەيسۇنى، ئىسلام فىقھىسى ۋە دىنى مائارىپنىڭ چېكىنىشى سەۋەبلىك ئىلىمسىز دىندارلىقنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى، بۇ دىندارلىقنىڭ توغرا لىنيە ئۈستىگە قۇرۇلمىغان باشقىچە بىر مەدەنىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسلامى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆتكەن يىللار ئىچىدە سىياسەت بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن بىلىم بىلەن قۇراللىنىشتا ۋەزىپىسىنى لاياقەتلىك ئورۇندىيالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنىڭ سىياسەتتە رول ئويناش ھۇقۇقى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋالقى ۋەزىپىسى شۇ توپنى ۋە جەمئىيەتنى بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇش ۋە توغرا دىندارلىق يولىدا يول كۆرسەتكۈچى بولۇشتۇر» .
رەيسۇنى، ئەرەب دۇنياسىدىكى ھازىرقى ئەھۋالنىڭ تېرورنى پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ،« خەلق تەرىپىدىن ياقتۇرۇلمىغان بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېىشغا چىقىۋېلىشى خەلقنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇشىغا سەۋەب بولدى، بۇ ئەھۋال بەزىلەرنى زوراۋانلىققا ئېلىپ باردى ۋە بەزىلەرنى زوراۋانلىققا يۈزلەنمىگەن بولسىمۇ ئوخشاش لوگىكىدىكى قاراشقا يۈزلەندۈردى» دېدى.
رەيسۇنى مىسىردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىگە ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا قارشى ئەمەس، بەلكى قانۇنىيلىققا، دېموكراتىيەگە، مىسىر خەلقىگە، ئەرەب باھارىغا ۋە ئۇنىڭ نىشانلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شۇنىڭ نەتىجىسىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆلتۈرۈش ۋە يۇقىتىشقا دۇچار بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:« تىنچ ھەرىكەتلەرنىڭ ھېچنەرسە يارىتالمىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقانلار بار، ئۇلاردىن زوراۋانلىق ۋە قۇرال بىر ئىش يارىتالىدىمۇ دەپ سوراشنى خالايمىز. تىنچ ھەرىكەت ئىجتىمائى نىشانلارنى ئەمەلگە ئ‍اشۇرىدۇ، ئەرەب باھارى بۇنىڭ دەلىلى».
2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ئابدۇلفەتتاھ سىسى رەھبەرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئىنقىلاب بىلەن مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان تۇنجى پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى ئاغدۇرۇلۇپ قولغا ئېلىندى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى، مۇرسى بىر قانچە داۋالار ھەققىد سوتلىنىۋاتىدۇ. ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن نامايىش قىلىپ كوچىغا چىققان كىشىلەر بىخەتەرلىك قىسملىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە نەچچە يۈز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يەنە نەچچە مىڭ كىشى قولغا ئېلىندى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.



19-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek