خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، خەلق تورى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى سېدنىيدىن بەرگەن تېلېگراممىسى ، ئاۋىسترالىيە سېدنىي شەھىرىدە 2015 – يىلى ئاسيا لوڭقىسى 7 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ . سېدنىي ھۆكمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ھەم بۇنى تەشۋىق قىلىدى ، مەيدان ھازىرلىدى ، مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى .
سېدنىي شەھىرىنى باشلىقى مور 7 – چىسلا بىلدۈرىشىچە ، مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى سېدنىينىڭ شان شەرىپى ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سېدنىينىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئاشۇرغلى بولىدۇ . ھەم بۇ شەھەرنى قايناق ھېسياتقا تولدۇرغلى بولىدۇ . ئۇ مۇنداق دېدى : " ئاسىيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقە ئىشلىرى سېدنىي ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ھازىرلاپ بەردى . پۇتبول ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ، جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەردە ئالاقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ، بۇ شەھەردىكى مېھمانساراي كەسپى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ .
سېدنىي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر قايسى چوڭ رايونلاردا ، مۇلازىمەت مەركىزىدە ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت كۇتۇپخانىسىدا ھەقسىز تەشۋىقات بويۇملىرىنى تارقاتتى ، ھەم تەشۋىقات بويۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى . مۇسابىقىنىڭ مەزمۇنلىرى سېدنىي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەت ئېلان قىلىش تور بىكىتى ۋە جەمئىيەت تاراتقۇ سۇپىلىرىدا سىرىتقا ئاشكارىلاندى . بارلىق مۇسابىقىگە كېرەكلىك بولغان سىرتتىكى ئەسۋابلار ھەقسىز تەمىللىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى تەرەپكە سىياسىي تەرەپتىن ياردەم بىلەن تەمىنلەپ ، مۇسابىقە ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئاخىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
بۇ نۆۋەتلىك ئاسيا پۇتبول لوڭقىسى 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى باشلىنىدۇ . مۇسابىقە ۋاقىتى جەمئىي ئۈچ ھەپتە ، ئاسىيادىكى يۇقىرى ماھارەتلىك توپ كوماندىسى ئاۋسترالىيىدىكى بەش شەھەردە 32 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ . جەمئىي 500 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن بۇ قېتىمقى سەرخىل مۇسابىقىنى كۆرىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە 45 مىڭ ئادەم چەتئەل ساياھەتچىسى .
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved