ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
خەلقئارا لىنىيىسى مەخسۇس خەۋىرى، چىلى «خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ 4- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىلى پايتەختى سانتىياگو شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا ئوت كېتىپ ئارقىدىنلا نەچچە قېتىملىق پارتىلاش يۈز بەرگەن. خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا يىراق بولمىغان ئاھالىلەر رايونىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى ئورنىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق ئىس – تۈتەكنى كۆرگەن، بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان خىمىيىلىك پۇراقنى پۇرىغان.
شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت ئۈچتە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى كونترول قىلغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا كەتكەن ئوت مەركىزى بىر ئامبار رايونىدا بولۇپ، ئۇ يەرگە نۇرغۇنلىغان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەر ۋە خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار دۆۋىلەپ قويۇلغان. نۆۋەتتە بۇ ئوت ئاپىتى بىر ئادەمنىڭ يىنىك يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىس – تۈتەكنىڭ ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات يوق.
پارتىلاش يۈز بەرگەن بۇ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى ئاساسلىقى تۇمانلاشتۇرۇلىدىغان دورىلار، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە خۇشپۇراق بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن.
مەنبەسى خەلقئارا لىنىيىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved