شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى: شىنجاڭلىق ئۇيغۇر فوتوگراف قۇربانجان سەمەت ئىجاد قىلغان ۋە خاتىرىلىگەن سۈرەتلەر توپلىمىدىن سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن ئوخشاش ئىسىمدىكى ھۆججەتلىك فىلىم «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»نىڭ ئېلان قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان داڭلىق ئارتىس تۇڭ لىيا شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ داڭلىق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈرەتكە ئېلىشقا ۋە ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، تۇڭ لىيا ئۇچىسىغا شىنجاڭ ئامىلى بولغان ئەتلەستىن تىكىلگەن ئەنئەنىۋى كۆينەك كىيىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا كۆپچىلىككە سالام بەردى ۋە بۇ فىلىمنىڭ كۆپچىلىككە شىنجاڭ خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق سۈرەتلەر توپلىمىنى ئۇيغۇر فوتوگراف قۇربانجان سەمەت يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان نەچچە 10 مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ، 500 نەچچە ئادەمنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭدىن كەلگەن ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان ياش، ئوخشىمىغان كەسىپتىكى 100دىن كۆپ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھاياتىنى خاتىرلەپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بىر توپلام بولۇپ، ئەمدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدە ھەرىكەت ۋە تىل ئارقىلىق بۇ ھېكايىلەر تېخىمۇ جانلىق بايان قىلىنغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved