لەگلەك تورى تەرجىمىسى | ئائىللەردىكى ئۈستەل، خاتىرە كومپىيۇتېر بولسۇن ۋە ياكى ئىدارە ئورگاندىكى كومپىيۇتېرلار بولسۇن مەلۇم ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن كومپىيۇتېر سۈرئىتىدە كۆرنەرلىك ئاستىلاش، كومپىيۇتېر سىستېمىسىدا يوچۇق پەيدا بولۇش، چوڭ - كىچىك كاشىللار يۈز بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر دائىم پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. كومپىيۇتېردا يۈر بەرگەن بۇ كاشىللارنىڭ يۈز بېرىشىگە كومپىيۇتېردىكى خاتا مەشغۇلات، ئەخلەت يۇمشاق دېتال، ۋىرۇس، ياغاچ ئات، ئېلان قاتارلىقلار بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ قالىدىكەن
.
ئېلان توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتسەك توختىماي سەكرەپ چىققان ئېلان كومپىيۇتېرنىڭ يۈرىشىش سۈرئىتىنى ئاستىلتىدىكەن. شاڭخەي كومپىيۇتېر ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت مەركىزى ئەسكەرتىدۇكى، كومپىيۇتېر ئابۇنتلىرى يېقىندا ئەگەر مۇشۇنداق كېسەللىك ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن بولسا، كومپيۇتېرىڭىز (UUsee تاجاۋۇزچى) ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىمالى بولغان بولىدۇ.ئەگەر قىسقا ۋاقت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بۇ خىلدىكى ۋىرۇس ھەتتا كومپىيۇتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ۋىرۇس مەخسۇس مىكروسوفت كۆزنەك(Windows) مەشغۇلات سىستېمىسنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ ھوجۇم ئېلىپ بارىدىكەن. ئاساسلىقى بەزىبىر كومپىيۇتېردا ساقلانغان يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۇرۇش (قۇراشتۇرۇش) بولىقى بىلەن بېرىكىۋېلىپ، ئۆزىدە ئېلىپ يۈرگەن ئېلان ئۇلانمىلىرىنى ئىكران يۈزىدە كۆرسېتىپ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاش تۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئاستىلىتىپ نەتىجىدە شۇنىڭغا ماس كومپىيۇتېر ئومۇمىي سۈرئىتىمۇ ئاستىلايدىكەن. بەك ئىغىر بولغاندا كومپىيۇتېردا قېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدىكەن.
كومپىيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى كۆرسېتىشچە، كومپىيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى بۇزغۇنچى ۋىرۇسلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كومپىيۇتېر ئابۇنتلىرى ياخشى بولغان مەشغۇلات ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، گۇمانلىق ئىلخەت يوللانمىلىرى ۋە گۇمانلىق توربەتلەرنى قەتئىي ئاچماسلىق، گۇمانلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلماسلىق كۆچۈرمەسلىك كېرەك ئىكەن. ئەگەر كومپىيۇتېر يۇقارقى ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملانغان ئەھۋال بولسا( مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتى) ئابۇنتلار ئاۋۋال مەخسۇس ياغاچ ئات تازلاش قوراللىرى بىلەن تاشلاش ئېلىپ برىپ، ئاندىن ۋىرۇس تاشلاش قورال (ۋىرۇسخور) لىرى بىلەن ۋىرۇس تازلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارسا بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved