تىسلانىڭ قۇرغۇچىسى Elon Musk ئالەم قاتناش ساھەسىدە يىڭى ئېلگىرلەشنى قولغا كەلتۇردى ئۇ قۇرغان ئالەم قاتناش شىركىتى SpaceX بىر چوڭ تىپتىكى توشۇغۇچى راكىتاFalcon Heavy نى ئىلان قىلغان ،بۇ راكىتا ھازىرغىچە بارلىق توشۇغۇچى راكىتانىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۈچلۈكى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن ھەمدە ئۇ بىۋاستە مارىسقا بارالايدىكەن.
بۇ Falcon Heavyنىڭ كۈچى قانچىلىك ؟ ئۇنىڭ ھەركەت كۈچى تەخمىنەن 15 بوئىن747ئايرۇپىلاننى بىللە بارلىق كۈچى بىلەن كويۇپ بەرگەندىكى كۈچىگە توغرا كىلىدىكەن.Falcon Heavy نىك بىرىنجى قىسمى ئۈچ Falcon9 يادىرو ماتوردىن تەركىپ تاپقان،ئۇ ئاسمانغا كــۆتۈرۈلگەندە تەخمىنەن 4مىليون باڭ ئىتتىرىش كۈچى چىكىرالايدىكەن.SpaceX نىڭ ئاتىشىچە تارىختا پەقەت بىرلا راكىتا Falcon Heavyدىنمۇ ئىغىر ئىكەن:ناسا(NASA)نىڭ ساتۇرىن 5جى نۇمۇرلۇق ئالەم كىمىسى ئۇ ئىلگىرى1966-1973 يىللىرىدا ئاپوللو ئالەم كىمىسىنى توشىغان ۋە ئالام بوشلۇق تەجىربىسى ئىلىپ بارغان.
بۇFalcon Heavyنىڭ تاشقى شەكلى Falcon9غا ئوخشاپ كىتىدىغان بولۇپ ئۇ 53توننا ئىغىرلىققا بەرداشلىك بىرىپ ئۇچالايدىكەن،ئۇنىڭ ئىغىرلىقى بىر 737يولۇچى ئايرۇپىلاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىغىرلىقىغا توغرا كىلىدىكەن.بۇ راكىتانىڭ لاھىلىنىشتىكى مەقسىتى ئادەملەرنى تىخىمۇ يىراق ئالام بوشلۇقىغا توشۇش ئىكەن.
ئالەم قاتناش شىركىتى SpaceX 2002جى يىلى Elon Musk تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ،دۇنيادىكى بىرىنجى ئالەم كىمىسىنى قويۇپ بىرەلەيدىغان ۋە قايتۇرالايدىغان شەخسى شىركەت بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن،بۇ شىركەت ھازىرغىچە تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكىتا Falcon 1بىلەن Falcon 9نى ياساپ چىققان.
رەسىم مەنبەسى:AmericaSpace,SpaceX
زاكىر تورى خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved