يەر شارى تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: «بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى قۇرۇقلۇقتىن ئېتىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ 1987-يىلى ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان «ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش شەرتنامىسى»غا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، دوكلاتتا رۇسىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى قۇرۇقلۇقتىن ئېتىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى 1987-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رىگان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋ ئىمزالىغان «ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش شەرتنامىسى»غا خىلاپلىق ئىكەن، بۇ شەرتنامە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 500~5500 كىلومېتىر ئارىسىدىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولۇشى ياكى ياسىشىنى چەكلەيدۇ.
بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ئوباما بۇ ئىش ھەققىدە 7-ئاينىڭ 28-كۈنى پۇتىنغا خەت يازغان ھەمدە ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرلىشىشكە تەييارلانغان. ئىگىلىنىشچە، گەرچە ئامېرىكا بۇرۇن دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئاشكارا ئەيىبلىمىگەن.
خەۋەردە قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى رۇسىيە بېسىم قىلىپ، رۇسىيەنى خەلقئارادا يەنىمۇ ئىلگرىلەپ يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توپىلاڭچىلارغا داۋاملىق ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بۇ ھەپتە رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلماقچى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved