چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، گۇگېل Chrome تور كۆرگۈچىسى كۆچمە نۇسخىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئابونت سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. ئالدىنقى ئايدا، گۇگېل شىركىتى Chrome تور كۆرگۈچىسى كۆچمە نۇسخىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدە بىر ھەسسە ئاشقانلىقىنى، ئايلىق ئاكتىپ ئابونت سانىنىڭ 800 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئاساسلىقى ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنە بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى يۆلەنچۈك بولغان، بىراق، ئېتىراپ قىلماي بولمايدىغىنى، Chrome نىڭ iOS سۇپىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس ئىكەن. Chrome تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى گۇگېل ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن پايدىلىق بىر ئەھۋال، چۈنكى، Windows 10 سىستېمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مىكروسوفت شىركىتى تور كۆرگۈچ بازىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە باشلىغان.
بۇ يىل 5-ئايدا، گۇگېل شىركىتى Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ ئومۇمىي ئابونت سانىنىڭ بىر مىلياردتىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان، بىراق، كومپيۇتېر ۋە كۆچمە ئۈسكۈنە سۇپىسىدىكى ئابونتلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئائىت كونكرېت سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلمىغان. Chrome تور كۆرگۈچىسى نۇرغۇنلىغان ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ خاس تورغا چىقىش قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكىiPhone، iPad,Mac ۋە PC قاتارلىق كۆپ خىل ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ دائىرىدە قاپلىغان. ئالدىنقى ئايدا ئېچىلغان Chrome ئەپ ئاچقۇچىلار چوڭ يىغىنىدا، گۇگېل شىركىتى كۆچمە نۇسخىدىكى Chrome نىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئابونت سانىنىڭ 800 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
Net Applications ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، Chrome ھازىرقى ئەڭ مودا بولۇۋاتقان كۆچمە تور كۆرگۈچ بولۇپ، بازار ئىگەللەش نىسبىتى ئاللىقاچان %40 دىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ يىل 1-ئايدا، بۇ سان ئاران %27 بولغان. Chrome نىڭ ئابونت سانىنىڭ بۇنداق پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىشىنى ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن. سانلىق مەلۇماتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلى ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ئومومىي مال چىقىرىش مىقدارى 1.16 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ سان بۇلتۇرقىدىن 160 مىليون كۆپ بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، iOS دىكى خاس تور كۆرگۈچ Safari نىڭ بازار ئۈلۈشى بۇرۇنقى %43 دىن %36 گە چۈشۈپ قالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved