يېڭى ئەۋلاد ئالما تېلىفۇنى يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ

ۋاڭيى پەن تېخنىكىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما تېلىفۇنى تەخمىنەن ئۈچ ئايدىن كېيىن بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ .كېيىنكى ئايدا ئۇنىڭ سىناق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى باشلىنىدۇ. بۇ ھەم ئالما تېلىفۇننىڭ تاشقى قىياپىتى ئاساسەن بەلگىلىنىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھازىر ياپونىيە پەن تېخنىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما تېلىفۇنى يەنى IPhone 6s ھازىرقىغا قارىغاندا يەنە 0.15 مىللىمىتىر ئۇزىرايدىكەن . قېلىنلىق جەھەتتە يەنە 0.2 مىللىمېتىر قېلىنلايدىكەن. بۇمۇ Force Touch تەگمە تاختىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن مۇشۇ توغۇرلۇق خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

 

بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغۇچى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ئالما تەرەپنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما تېلىفۇنى يەنى IPhone 6s قېلىنلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى مەقسىتى بولسا ئۇنىڭ تېشىغا چىقىپ قالغان كامېراسېنى تۈزلەش ئىكەن. چۈنكى ئىشلەتكۈچىلر كامېراغا قارىتا ناچار ئىنكاسلارنى ياغدۇرىۋەتكەن بولغاچقا ئالما تەرەپ چوقۇم بۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە بولمايدىكەن.

 

بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئالما تەمىنلىگۈچى تەرەپتىن ئىگىلىگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە سونى شىركىتى iPhone 6s ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىگەن كامېرا ھازىر تەييارلىق باسقۇچىدا ئىكەن. كامىرانىڭ ئېنىقلىقى ھازىر تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرگە ئوخشاش بولۇپ 12 مىلىيۇن پېكسىللىق ئېنىقلىقتا ئىكەن. ئەمما قوش كامېرا ئەمەسكەن.

 

يېڭى ئەۋلاد ئالما يانفۇنىنىڭ كامېراسى تۈزلەندى، سىزنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىڭىز ئاشتىمۇ ياقمۇ؟



خەتكۈچلەر:
19-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek