ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا ئىتالىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇ ئوخشاش ۋاقىتتا خەۋەر ئېلان قىلىپ، 20 يىلدىن ئارتۇق ھەمكارلاشقان كۆكرەك ئالدى ئېلانىنى قوللىغۇچى شىركەت Pirelli دىن ۋاز كېچىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ئىتقاد ئاۋىئاتسىيەسى بىلەن بىر نۇسخا بەش يىللىق مۆھلەتتىكى يېڭى قوللاش توختامى تۈزمەكچى، قوللاش ھەققى ھەر يىللىقى 25 مىلىيون ياۋروغا يېتىدۇ دەپ خەۋەر قىلدى. ناۋادا بۇ قوللاش ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ قالسا ئۇنداقتا ئېنتىر ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۆكرەك ئالدى ئېلان ھەققى ئەڭ يۇقىرى كوماندىغا ئايلىنىدۇ. ئەمما مۇشۇ ھەپتە «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى»، «كەچلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ ئاتالمىش قوللاشنى ۋالارېئو لاتانزىئو ئىسىملىك ئالدامچى ئويدۇرۇپ چىققان، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت ئېنتىر مىلان كۇلۇبىنىڭ قوللاش سۆھبىتىگە مەسئۇل ئورگان خادىمى سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، رىمدىكى بىر مېھمانسارايدىن زور مىقداردا كاپالەت پۇلى ئالداپ ئېلىۋېلىش.
بۇ ئالدامچىلىق ئالدىنقى يىلى 7-ئايدا باشلانغان، ئەينى ۋاقىتتا ۋالارېئو رىمدىكى بىر ئائىلە مېھمانسارىيىغا كېلىپ، ئۆزىنى ئېنتىر مىلان كۇلۇبىنىڭ ياللانما سودىگىرى دەپ تونۇشتۇرغان، ئۇ رىمدىن بىر مېھمانساراي ئىزدەپ ئۇنى ئېنتىرنىڭ تەنتەربىيە ئۇنۋېرسىتىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنە كەلگۈسىدە باگىئونىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. ۋالارېئو ئائىلە مېھمانسارىيىنىڭ خوجايىنى بىئوردىنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئىش پۈتكەندىن كېيىن بىئوردىغا ھەق بېرىشكە ماقۇل بولغان.
بىئوردى دەسلەپتە گۇمانلانغان، ئەمما ۋالارېئو ئىككى نەپەر ئېنتىر مىلان خىزمەتچىسىنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن، بىرى سابىق دېرىكتور فاسونى، يەنە بىرى سابىق تېخنىكا ئانالىزچىسى باكېنى. بۇ ئىككى نەپەر ئېنتىر مىلان خىزمەتچىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىئوردى ئاخىرى قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە رىم ئايرودرومى ئەتىراپىدا بىر تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي بىلەن ئالاقىلىشىشكە ياردەم قىلغان.
ۋالارېئو بۇ مېھمانساراي ئۈچۈن 30 مىلىيون ياۋرو باھا قويغان، ئىككى تەرەپ كېيىن سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان، ۋالارېئو مېھمانساراي تەرەپنى ئاۋال بىر ھېساباتقا كاپالەت پۇلى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. مېھمانساراينىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە قايتا ئۆزىنىڭ ئېنتىردا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىلىگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىسپات كۆرسىتىش زۆرۈر بولغان، شۇ سەۋەبتىن ئېنتىرنى قاقتى-سوقتى قىلىش ئۈچۈن، ۋالارېئو بۇ ئالدامچىلىقنى قوزغاتقان، ئۇ ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا باكېنى ئارقىلىق ئېنتىر مىلان يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ئەمىر ئىشخانىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەن، «ئىتقاد ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى» سالاھىيىتىدە ئېنتىر مىلان CEO سى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتقاد شىركىتىنىڭ ئېنتىر مىلاننىڭ يېڭى قوللىغۇچىسىغا ئايلىنىش ئويى بارلىقىنى ئېيىتقان.
ۋالارېئو پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئېنتىر ۋە Pirelli نىڭ توختام ئۇزارتىش سۆھبىتىنى قاينام ئىچىگە ئەكىرىپ قويغان، Pirelli شىركىتى پەقەت ھەر يىلى 12 مىلىيون ياۋرو قوللاش ھەققى چىقىرىشنى خالىغان، ئەكىسچە ئېنتىر مىلان 20 مىلىيون ياۋرو قوللاغا ھەققىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. ۋالارېئو پو ئېتىپ ئىتقاد ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ 25 مىلىيون ياۋرولۇق يىللىق قوللاش ھەققى چىقىرىپ ئېنتىر مىلان بىلەن توختاملىشىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولغان كۆك-قارا قوشۇننى جىددىيلەشتۈرگەن.
ۋالارېئو ئېنتىر مىلان يۇقىرى قاتلىمىغا ئۆزى ياسىغان بىر قىسىم يالغان سودا پوچتا يوللانمىسىنى تەمىنلىگەن ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. ئېنتىر مىلان ھەتتا توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن ۋالارېئوغا %2.5 لىك ۋاستىچىلىك ھەققى بېرىش، بۇندىن سىرت باشقا كەسىپتىنمۇ %8 لىك تونۇشتۇرۇش ھەققى بېرىشكە ماقۇل بولغان. ۋالارېئونىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئېنتىر مىلان توختام ئىمزالاشتىن ئىلگىرى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا قوشۇلغان، يەنە ۋالارېئوغا قوللاش سۆھبىتىدىكى بىردىنبىر ۋاستىچىلىك ھوقۇقى بەرگەن.
ئېنتىرنىڭ ئورگان تەرەپ ھوقۇق بېرىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋالارېئو دەرھال رىمغا قايتىپ، ئىلگىرىكى ئاشۇ تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ خوجايىنى بىلەن داۋاملىق سېتىۋېلىشتا سۆھبەتلەشكەن ھەمدە قارشى تەرەپتىن تېزراق كاپالەت پۇلىنى ئۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئېنتىر مىلان ۋالارېئوغا بەرگەن سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ھوقۇق بېرىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، مېھمانساراي تەرەپ مەبلەغ كاپالىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامى ئىمزالاشقا قوشۇلغان. ۋالارېئونىڭ بۇ ئالدامچىلىقى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشقا ئاز قالغاندا، بىر تاسادىپىيلىق ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.
ئېنتىر مىلاننىڭ ئىچكى خادىمى 10-ئايدا «مىلان تەنتەربىيەسى گېزىتى» گە ئىتقاد ئاۋىئاتسىيە شىركىتى پات ئارىدا قوللىغۇچى بولىدۇ دەپ ئاشكارلىغان، كېيىن تاراتقۇلار ئۈزلۈكسىز بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ ئىتقاد ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كېيىن ئىتقاد ئاۋىئاتسىيەسى ئۆزىنىڭ ئېنتىر مىلان بىلەن ئالاقىلەشمىگەنلىكى، ئېنتىر مىلاننىڭ كىيىمىنى قوللاش ئويى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىتقاد ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنتىر مىلاننىڭ ھەيران قالدۇرغان.
بۇ ئالدامچىلىق ئاشكارلانغاندىن كېيىن، ۋالارېئو ئىزدەرەكسىز يوقالغان، ئۇ يەنە رىمدىكى ئائىلە مېھمانسارىيىتىنىڭ 4520 ياۋرو تۇرۇش ھەققىنى تۆلىمىگەن. مېھمانساراينىڭ خوجايىنى بىئوردى بۇ ئىشنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، كېيىن ساقچى تەرەپ ئارىلىشىپ ئاندىن بۇ ئالدامچىلىق دېلوسى بىراقلا ئاشكارلانغان، نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ ۋالارېئوغا قارىتا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. گەرچە ئېنتىر مىلان كۇلۇبى بەخىتكە يارىشا بۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پۈتۈن سۆھبەت جەريانىدىكى ئىشتىن سىرتقى ئىپادىسى دۇنيا تاراتقۇلىرى، توپ مەستانىلىرىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى، كەلگۈسىدە ئېنتىر مىلان چوقۇم بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ قايتا ئالدامچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئوبىيىكىتىغا ئايلانماسلىقى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved