شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىلغا تەۋە تەييار ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ قېتىم تۆۋەنلەش» مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.
21-ئىيۇل دۆلەتلىك تەرققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن 22-ئىيۇل سائەت نۆلدىن باشلاپ بېنزىن ۋە دېزىل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 265 يۈەن چۈشكەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ باھاسى (مەملىكەت بويىچە) ئايرىم ھالدا 0.2 يۈەن ۋە 0.23 يۈەن چۈشكەن.
ماي باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بېنزىن ۋە دېزىل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.11 يۈەندىن 5.9 يۈەنگە چۈشۈپ، «بەش يۈەنلىك» دەۋرگە قايتقان؛ 97-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.58 يۈەندىن 6.35 يۈەنگە چۈشكەن؛ 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 5.74 يۈەندىن 5.52 يۈەنگە چۈشكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر قېتىملىق ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 4-ئاۋغۇست سائەت 24:00 دە ئېچىلىدىكەن.
![]() |
«قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved