تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، ( شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى ) 17 ياشلىق ئۆسمۈر شىياۋخاۋ كىنىشكىسىز ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ھەيدەپ بىر يولۇچىنى سوقۇۋېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ قازا قىلىپتۇ . 2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ، خاتالىق سەۋەبىدىن بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىققان جىنايەت گۇماندارى شىياۋخاۋ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن قولغا ئېلىندى .
2014 - يىل 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى 16 دە ، شىياۋخاۋ خوجايىنى مىن xxx بىلەن بىللە بىر قىزىل رەڭلىك A7739 نومۇرلۇق ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئامبار يولىدىن مىڭلوۋ تەرەپكە مال ئاپىرىۋاتاتى ، كېتىپ بارغاندا مىن خوجايىن تۇيۇقسىز ئىشىم بار دەپ يېرىم ئۇنىڭدىكى ئايرىلدى ، شۇنىڭ بىلەن شىياۋخاۋ ئۆزى يالغۇز مال يەتكۈزدى .
ھەم كىنىشكىسىز شىياۋخاۋ ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ھەيدەپ شەھەر ئىچىدىكى شىياڭخۇڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، ئارقىغا قاراپ كەينىدىكى ماشىنىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن ئالدىكى يولۇچىغا دىققەت قىلالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن دۇكاننىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بوۋاي ۋېي xxx نى سوقۇۋەتتى ، ۋېي xxx نەخ مەيداندا يىقىلىپ ھۇشىدىن كەتتى .
شىياۋخاۋ چوڭ ئىش تېرىپ قويغانلىقىنى بىلىپ جىددىيلىشىپ كېتىپ نېمە ئىش قىلىشنى بىلمىدى ، ياندىكى كىشلەرنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن تىزدىن 120 گە تېلېفون قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ۋېي xxxدوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى . ۋېي xxx كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونىلىق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە ، شىياۋخاۋ ئامۋىىقاتناش قاتناش قىلىش مەنئى قىلىغان رايوندا كىنىشكىسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئىخلاپلىق قىلغان . سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈم يېتىم ۋەقەسى يۈزبەرگەن .
شىياۋخاۋ نىڭ ھېچقانداق مۇقىم تۇرالغۇ ئادرېسى يوق . ھېچقانداق ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەش ئىقتىدارى يوق ئىدى ، قېچىپ كېتىپ ئېھتىماللىقى بار ئىدى . جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن خەتىرى چوڭ شۇڭا قولغا ئالدى .
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved