جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تۆھپىسى

2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايون ئۇرۇشقا قاتناشقان، 2 مىليارد كىشى(دۇنيا نوپۇسىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ) ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئۇرۇش ئوتى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا، ئوكيانىيە، تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان رايونلىرىغا تۇتاشقان. ئۇرۇش بولغان رايونلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىليون كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، ئۇرۇش قىلغان دۆلەتلەر جەمئىي 110 مىليون ئەسكەرنى جەڭگە قاتناشتۇرغان، بىۋاسىتە ھەربىي خىراجەت چىقىمى تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليون دوللارغا يەتكەن، بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر ئومۇمىي مىللىي كىرىمىنىڭ %60– %70 ىنى ئىگىلىگەن، ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 4 تىرىليون دوللارغا يەتكەن.
جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە فاشىستلىرىغا قارشى ئاساسىي جەڭگاھ، شۇنداقلا فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭگاھى بولغان. جۇڭگو خەلقى فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەپ، ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى 1931 – يىلى 9 – ئايدا باشلىنىپ، 1945 – يىلى 8 – ئايدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، 14 يىل داۋاملاشقان. ياپونىيە فاشىستلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتا جۇڭگونى مۇنقەرز قىلىش غەرىزىدە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونى شىمالدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلىش، جەنۇبتىن تىنچ ئوكيانغا يۈرۈش قىلىش ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىش، ئاسىياغا ھەتتا دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىشتا ‹‹بازا›› ۋە ‹‹ۋاسىتە›› قىلىشقا ئۇرۇنغان. ياپونىيە فاشىستلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا پۈتۈن ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.
تولۇقسىز سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگودا 35 مىليوندىن ئارتۇق ھەربىي ۋە خەلق تالاپەتكە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 21 مىليون كىشى ئۆلگەن. 1937 – يىلىدىكى سېلىشتۇرما قىممەت بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگو بىۋاسىتە ئۇچرىغان ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليارد دوللاردىن، ۋاسىتىلىك ئۇچرىغان ئىقتىسادىي زىيان 500 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىدا جەمئىي 1 مىليون 500 مىڭ ياپون ئەسكەرلىرى يوقىتىلغان بولۇپ، ياپون ئەسكەرلىرىدىن 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ تەخمىنەن %70 ىنى ئىگىلىگەن، بۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل يوقىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ھەم دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇش مەيدانى گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ، شۇنداقلا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياۋروپانىڭ ئاساسىي جەڭگاھى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان. 1941 – يىل 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى گېرمانىيە ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى – گېرمانىيە بىر – بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى››نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنتايىن جاپالىق بولغان ۋەتەن ئۇرۇشىنى باشلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلق ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن ستالىنگراد ئۇرۇشىدىن كېيىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكىچە، ئاندىن كېيىن بېرلىننى ئېلىشقىچە 1418 كېچە – كۈندۈز دەھشەتلىك ئۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، قان تۆكۈپ، ھاياتلىق بەدىلىگە ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپىنى ياراتقان.
رۇسىيە ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 1941 – يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە داۋاملاشقان ۋەتەن ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 8 مىليون 668 مىڭ 400 ھەربىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 27 مىليون كىشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان؛ 1941 – يىلىدىكى باھا بويىچە ھېسابلانغاندا، 679 مىليارد رۇبلى قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيا زىيانغا ئۇچرىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى – گېرمانىيە ئۇرۇشى فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە ئالىملىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن ئالىم ئۇرۇشتىن كېيىن مۇنداق قارىغان: ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمىگەن بولسا، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا كىمنىڭ يېڭىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ يېڭىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەك تەس بولاتتى.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى



خەتكۈچلەر:
20-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى  ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى  ئەڭ بۇرۇن    بولغان توختام ...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.    1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
24-05-2016
    لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
24-05-2016
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
23-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
12-05-2016
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن...
11-05-2016
    ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
11-05-2016
     بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
Powered by Leglek