ئاجايىپ ئالدىن مۆلچەرلەش: 2004- يىلىدىكى كىشىلەرنىڭ خىيالىدىكى Ipad نى كۆرۈپ بېقىڭ
بۇرۇن دەسلەپكى Ipad ھەتتا iPhone ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا كۆپلىگەن كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئېلىپ يۈردىغان مەھسۇلاتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان .خۇددى ھازىرقى كىشىلەر تىلغا ئېلىشقا ئامراق بولغاندەك ، 2004-يىلىدىكى ۋاقىتتا بەزىلەر ipadكە ئوخشاپ كىتىدىغان مەھسۇلاتنىڭ قانداقلىقىنى خىيال قىلىپ بولغان ، خۇددى بىزنىڭ macrumors مۇنبىرىدىن ئىزدەپ تاپقان يۇقىرقى رەسىمدىكىدەك.
ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى بۇ پارچە ئۇقۇم سۈرىتى راستىنلا ipad نىڭ ئىسمىنى توغرا پەرەز قىلىپ تاپالىغان. كۆرۋېلىشقا بۇلدىكى ، بۇ خىل ‹‹ئەسلى نۇسخا››دىكى مەھسۇلات ئالتە يىلدىن كىيىن ئېلان قىلىنغان Ipad بىلەن كۆپ يىراقلىشىپ كەتكەن. بىراق ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى لايھەلەش راستىنلا ئۆزگىچىلىككە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.
رەسىم ئۈستىدىكى خەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاسالانغاندا ،‹‹life in a pocket›› ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلىنماقچى بولغىنىنى ‹‹يانچۇق›› قا ماس كەلتۈرۈپ ئىشلەپ چىقىرىلدىغان مەھسۇلات دەپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن . ھەمدە ‹‹os x 2 go ›› سېستىمىسى سەپلەنگەن.
رەسىم ئاستىدىكى بىر قۇر خەت بولسا ، بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 378 گىرام ئەتراپىدا كونتىرول قىلىنىپ ، باتارىيەسىنىڭ 8 سائەت بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بۇلىشىنى ھەمدە ئېكرانىنىڭ سۈزۈكلىك دەرىجىسىنىڭ 312×378 ، iflash card , aircard تۇنۇش ئىقىتىدارىغا ئىگە بۇلىشىنى ئۈمىد قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved