بالىسى يۆتۈلۈپ قىززىپ قالغان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار «مىكوپلازما» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان. مۇخبىرنىڭ پايتەخت بالىلار بۆلۈمى تەتقىقات ئورنىدىن ئىگەللىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆپكە مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، يۇقۇملۇق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق يۇقۇملىنىش بىر-ئىككى يىل داۋاملىشىشى مۆلچەرلەندى.
نۆۋەتتە، ئۆپكە مىكوپلازمىسى بالىلار نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق مىكروبلارنىڭ بىرى. ئۆپكە مىكوپلازمىسى نەپەس يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەنە نېرۋا، يۈرەك-قان تومۇر قاتارلىق سېستىمىلارنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۆپكە مىكوپلازمىسى ھەر ئۈچ يىلدىن يەتتە يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا بىر قېتىم تارقىلىدىغان بولۇپ، تارقىلىش مەزگىلىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئۆپكە مىكوپلازمىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %30 دىن %50 كىچە بولىدۇ، تارقىلىش ۋاقتى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە داۋاملىشىدۇ. بىمارغا نىسبەتەن، مىكوپلازمىلىق ئۆپكە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى نەچچە كۈندىن نەچچە ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، بەزىلەرنىڭ ۋاقتى ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.
پايتەخت بالىلار بۆلۈمى تەتقىقات ئورنى مىكروب تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇڭمىي تەتقىقاتچى مۇنداق دېدى: «ئوخشاشلا قىززىپ، زۇكامدايدۇ. ئۆپكە مىكوپلازمىسىنى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن مىكروب ياكى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىشىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، ئۆپكە مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، كېسەلنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، داۋالاش جەريانىدا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قاتتىق بوي سۇنۇپ، قايتا يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم». تارقىلىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن پەرەز قىلىنغاندا، بۇ قېتىملىق ئۆپكە مىكوپلازمىسىنىڭ تارقىلىشى 2017-يىلىنىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۆپكە مىكوپلازمىسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ:
1. كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدىمۇ ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى قەرەللىك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ئۆي ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
2. قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش.
3. بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش.
4. ھاۋا سوغۇق ياكى ھاۋارايى تۇراقسىز مەزگىللەردە كىيىمنى قېلىن كىيىش، ئادەملەر زىچ يەرلەردە ئامال بار ماسكا تاقاش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved