جاھان ئاگېنتلىقى 4-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: برازىلىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى ئاجرە ۋىلايىتىدە قاتتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن ئېغىر سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ 7 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى. ۋىلايەتنىڭ مەركىزى رىئو برانسونىڭ شەھەر باشلىقى ماركۇس ئالىكساندىر، بىر قىسىم رايۇنلاردا جىددى ئەھۋال ئۇقتۇرۇشى ئىلان قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ قېتىملىق سۇ ئاپىتىنىڭ 132 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق تەبىئەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئالىكساندىر ۋىلايەتنىڭ 40 رايۇنىنىڭ سۇ ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋىلايەتتىكى ئاجرە دەرياسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، بۇ سەل ئاپىتىدە تەخمىنەن 7 مىڭ كىشى ئۆيسىز قالدى. ھۆكۈمەت تەرەپ سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاجرە ۋىلايىتىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۈچۈن 859 دوللار مەبلەغ ئاجراتتى. مەزكۇر ۋىلايەت ھەر يىلى دىكابىر ۋە مارت ئېيىدا قاتتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىگە دۇچار بولماقتا.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved