ئەر-ئايل بېقىش ھەققى ئۈستىدە ماجرالىشىپ قېلىپ، بالىسىنى كوچىغا تاشلاپ قويدى

         بۇ يىل 11-ئاينىڭ 16-كۈنى سەككىز ياشلىق قىز چېنچېن (يالغان ئىسىم) ئاپىسى جاڭ تەرىپىدىن كوچىغا تاشلىۋېتىلگەن. پىكىرلىشىش ئارقىلىق ساقچى چېن چېننى ۋاقتىنچە ياشانغانلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويغان ۋە كۆپ قېتىم يوقلاپ تۇرغان. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ داشىڭ رايونىدىكى ساقچىلاردىن ئىگىلىشىچە جاڭنىڭ قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغاچقا تاشلىۋېتىش جىنايىتىنى   شەكىللەندۈرمەيدىكەن. ساقچىلارنىڭ تەربىيە بېرىشى ۋە تەنقىدلىشى ئارقىسىدا جاڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە 12-ئاينىڭ 11-كۈنى چېن چېننى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.تەكشۈرۈش جەريانىدا جاڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ بالىنى يالغۇز بېقىۋاتقانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ، بالىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ ھېچقانداق بېقىش ھەققى بەرمىگەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ يىغلىغان. ساقچىلارنىڭ تەربىيە بېرىشى ئارقىسىدا جاڭ ئۆزىنىڭ ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھەمدە بالىسىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

         12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چىڭيۈەن يولى ساقچىخانىسىدىكى بىر قانچە ساقچىلار قايتا ياشانغانلار دوختۇرخانىسىغا بېرىپ چېن چېننى يوقلىغان ھەمدە ئۇ ئامراق يىمەكلىكلەردىن سېتىۋالغان. خەلق ساقچىسى سۇي لىنخاۋنىڭ دېيىشىچە بۇ قېتىمقى ئىش بالىغا ئاز بولمىغان يارىلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئاپىسى تىلغا ئېلىنسىلا بالا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۈندىمىگەن.

       12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن جاڭ چېن چېن نى قايتۇرۇپ ئەكەتكىلى كەلگەن. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چېن چېن ساقچىلارنى قۇچاقلىۋالغان. «بىر ئايغا يېقىن ئارىلىشىش جەريانىدا بىز ئىنتايىن ياخشى چىقىشىپ كەتتۇق، بالا بىزگە چىدىمايلا قالدى». ساقچى ياڭجىڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار چېن چېنغا ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ بالا ھەر ۋاقىت ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
14-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek