چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن خەلقئارا قىزىل كىرىس جەمئىيىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى يەمەنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى بۇنى تەپسىلىي ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
4-ئاپرېل، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى 11-كۈنگە قەدەم قويدى.
شۇ جايغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان داۋالاش ياردىمى بېرىش ئۈچۈن، خەلقئارا قىزىل كىرىس جەمئىيىتى 24 سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ تەشكىلات مۇنداق دېدى: داۋالاش ۋە ياردەم بېرىش ئەترىتى زۇڭتۇڭ ھادىنىڭ قوللىغۇچىلىرى كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقان ئادىنغا كىرىشى كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم-يېتىم بولىدۇ.
ئالجىرىيە بىلەن پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ ھەرىكەت قوللىنىپ، يەمەندىن پۇقرالىرىنى چېكىندۈردى.
پاكىستان تۈنۈگۈن ئايروپىلان ئەۋەتىپ 170 پۇقراسىنى چېكىندۈردى، بۇنىڭ بىلەن پاكىستان 800دىن ئارتۇق پۇقراسىنى چېكىندۈرۈپ بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved