مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئۇرۇشۇشىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن ئىش چوڭىيىپ كېتىپ ئېچىنىشلىق قىرغىنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
مونتىرى شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى جەيىم رودرىگىيۇز 11- فىۋرال ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: مەزكۇر شىتاتىنىڭ مونتىرى شەھىرىنىڭ توپوچىكودىكى تۈرمىدە بۈگۈن سەھەردە قالايمىقانچىلق يۈز بەردى، سېسىق نامى پۇر كەتكەن HDzetaزەھەر ئەتكەسچىلىك گورۇھىدىكى كاتتىباشلارى پەيدا قىلغان بۇ ۋەقەدە ھازىرغا قەدەر 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلاندى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەش ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا، قالايمىقانچىلىقتا مەھبۇسلار تۈرمە ئەسلىھەلىرىگە ئوت قويىۋەتتى، ئاز دېگەندە ئىككى بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved