ياۋا كۆكتات ياخشى دورىلارنىڭمۇ ياخشىسى

بۇ 6 خىل كۆپ كۆرۈلدىغان ياۋا كۆكتات كىسەلنى قوغلاپ ،ئادەم بەدىنىنى ساغلام قىلىدۇ .


بىر قانچە يىلدىن بۇيان ياۋا كۆكتاتنى يىيىش مودا بولۇپ قالدى .ياۋا كۆكتاتتەركىبىدە ئادەم بەدىنى مۇھتاج بولغان ئاقسىل ،ياغ،كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ،ۋېتامىن ، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزوقلۇق ماددىلار بار بولۇپ ،ئوسۈملۈك تالالىرى مول . مول بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن باشقا بەزى ياۋا كۆكتاتلارتېخى قىممەتلىك دورلۇق قىممىتى بار . گۈزەللىكنى سۆيۈش تورى سىز ئۈچۈن 7 خىل ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ياۋا كۆكتاتلارنىڭ بىر قانچە كىسەلنى قوغلاپ ،ئادەم بەدىننى ساغلام قىلىشتەك روللىرنى ئېنىقلاپ بەردى .


 
سېمىز ئوت : شېكەرلىك دىئابېت كىسلىنى داۋالايدۇ .


سېمىز ئوتنىڭ تەركىبىدە مول بولغان نۇرئېپنفرىن بولۇپ ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجىرتىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئادەم بەدىندىكى قەنىت ماددىلىرنىڭ ماددا ئالماشتۇرشىنى تەڭشەپ قان شېكىرنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىكەن ،شۇڭا شېكەرلىك دىئانېت كىسلىنى قوغلاش رولى بىلەن ئادەم بەدىننى ئاسراش رولى بار .بۇنىڭدىن باشقا سېمىز ئوتنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ خولېستېرىن بىلەن ترىگلىتسېرىدنىڭ ھاسل بولشىنى كونتىرۇل قىلىپ يۈرەك قان تومۇرلىرنى قوغداش رولى بار .

 

.سېمىز ئوتنى يىيىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ چالا پىشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قورۇپ يىيىش ،سوغۇق سەي تەييارلاش .قىژىما قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ .مەسلەن ئېلىپ ئېيىتساق سېمىز ئوت بىلەن تۇخۇمنى بىللە قورۇپ يىيىش ،سېمىز ئوتتىن قىژىما قىلىپ مانتا ئەتسىمۇ ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ،تولغاقنى ساقايتىدىغان شۆۋگۈرۈچ قىلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ .بۇنداق قىلىش تاماق تۈرىنى مول قىلىپلا قالماستىن يەنە ئىشتىھانى ئېچىپ ،ساقلىقنى ساقلاش رولىمۇ بار .

ئاچچىق سەي : ئاق قان كىسلىنى كونتىرۇل قىلىدۇ .


ئاچچىق سەي ئىسسىقنى قوغلاپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان ،يازنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىردا يىمەك-ئىچمەكنى رەتكە سېلىشنىڭ ئاساسلىق شەرىتلىرى بولسا يۈرەكنى ئاسراش ،يۈرەكنىڭ ئىسسىقىنى تۆۋەنلىتىش ،نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش ،بۇلارنى ياخشى تەڭشىيەلىسەكلا كەچتە ئۇيقۇ ياخشى بولىدۇ. ئەتىياز پەسلى بىلەن يازپەسلىنىڭ ئالمىشىدىغان ۋاقتى بولسا ياۋايى ئاچچىق سەيلارنى ئۈزۈپ بازارغا ئېچقىدىغان ياخشى چاغ . ياۋايى ئاچچىق سەينى ككپ يىگەندە ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، بۇ قەدىمدىن تارتىپ تارقىلىپ كىلىۋاتقان ئادەتلەر ،خەلق ئارسىدا ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كىلۋاتقان كۈتۈنۈش رىتسىپى .


جۇڭگۇ تىبانىتىدە ئاچچىق سەينىڭ خۇسۇسىيتىنى سوغۇق دەپ ھىساپلايدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل بىلەن مول بولغان ۋېتامىن بولۇپ ،قىزىتمىنى ياندۇرۇپ،زەھەر قايتۇرۇش ،قاننى سوۋىتۇش قاتارلىق روللىرى بار . ئۇ يەنە سۈت بېزى ياللۇغىنى ،يۇقىرىقى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنشىنى ، جىددىي خارەكتىرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى ،كۆنەكسىمان توقۇلما ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى داۋالىيالايدۇ . ئاچچىق سەينى سۇدا قاينىاتسا قويۇقلاندۇرۇلغان ئالكوگول سۈيۈقلۇقىنى ئاجىرتىپ چىقىردىغان بولۇپ، جىددىي خارەكتىرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى خاراكتېرلىك ئاق قان كېسەللىكىنى ، جىددىي خارەكتىردىكى ھەم ئاستا خارەكتىردىكى دانچىلىك ھۈجەيرە خاراكتېرلىك ئاق قان كېسەللىكىنى كونتىرۇل قىلىش رولى بار .ئاچچىق سەينى گۆش بىلەن تەڭ قورۇپ قورىما تەييارلىسمۇ .شۇرپا قىلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ .


سۇ كەرەپشىسى : قان بىسمىنى تۆۋەنلىتىدۇ .


سۇ كەرەپشىسى يەنە كۈنلۈكسىمان كەرەپشە ،ئۆستەڭ كەرەپشىسى دەپمۇ ئاتلىدۇ .ئۇنىڭ غولى كاۋاك ، يۇپۇرمىقى ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك ،گۈلى بولسا ئاق رەڭلىىك ،ئاساسلىقى نەم جيلاردا ئۆسىدۇ . مەسلەن كۆل بويىدا ،ئۆستەڭ ھەم سۇ ئېتىزلىردا .
سۇ كەرەپشىسىنىڭ قىزىتمىنى قايتۇرۇپ،زەھەرنى قايتۇرۇش ،ئۆپكىنى ياخشىلاش ، تالنى ساغلام قىلىپ ئاشقازاننى ياخشىلاش ،ھەزىم قىلشنى ياخسىلاش ،سۈيدۈكنى ھەيدەش ،قاننى توختىتۇش ،قان بېسمىنى تۆۋەنلىتىش ،جىگەر ياللۇغىقارشى تۇرۇش ،يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتمىننىڭ قالايمىقانلىششىنى تۇسۇش ،مىكروپلارغا قارشى تۇرۇش رولى بار .


 
چۇپۇرشاڭ: بۆرەكنى قۇۋەتلەندۈرۈپ تالنى ساغلام قىلىدۇ .


چۇپۇرشاڭ بىر خىل يەرلىك دورىلۇق ماتىرىيال . جۇڭگۇ تىبابىتىدە ئۇنىڭ تەمى ئاچچىق –چۈچۈك ، خارەكتىرى سوغۇق بولۇپ قاننى توختىدىغان ،كۆزنى رۈشەن قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بار دەپ ھىساپلايدۇ .ئۇ تېخى يۇقرى قان بېسىم ،يۈرەك تىقىلمىسى ،تولغاقنى بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرنى داۋالىيالايدىغان رولى بار.


چۇپۇرشاڭنىڭ يېلتىزى سېمىز بولىدۇ ،ئادەمنى مەھلىيا قىلغۇدەك مەزىلىك پۇرقى بار .ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسل ، قەنىت ماددىلىرى ،كاروتىن ۋىتامىن قاتارلىق ئادەم بەدىنى مۇھتاج بولدىغان ھەرخىل ئاممۇنىي كىسلاتاسى بىلەن مىنېرال ماددىلىرى مول .ئەتىيازدا چۇپۇرشاڭنى غولى يۇمران بولۇپ چالا پۇشۇرغاندىن كىيىن سوغۇق سەي قىلسىمۇ ،قىيام قىلسىمۇ ،قىژىما قىسىمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭدا شورپا قاينىتىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ .

قىسقا يىلتىزلىق ياۋا سامساق : ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .


قىسقا يىلتىزلىق ياۋا سامساق يەنە ياۋا ئاق سامساق ،يىلتىزى ئىستىمال قىلنىدىغان كىچىك كۆكتات دەپمۇ ئاتىلدۇ .ئۇنىڭ غولى سامساققا ئوخشايدۇ .پىياز بىلەن سامساقنىڭ پۇرقى بار .ئۇنىڭ رولى بولسا دىل سىقمىنى ئوڭشاش ،نەپەسنى ئاسانلاشتۇرۇش بار ،يەنە تېخى تولغاقنى داۋالىيالايدىغان، قان بېسمى يۇقرى كىشلەرنىڭ قىنىنى پېروكسىد ئېستېرنىڭ يقرى ئۆرلىشنى تىزگىنلەيدىغان ،ارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتەك رولى بار .


  
سارچى :نىرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ .


سارچىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتلىشى بولسا جۈمەك سەي ، ياۋا كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان سەيلەرنىڭ بىر خىلى .سارچىنىڭ يۇپىرمىقى يۆگەلمە ھالەتتە بولغاندا ئۇنىڭ يېڭى ھەم يۇمران ۋاقتى .قېرىپ قالغاندا يۇپىرمىقى ئېچىلىپ كىتىدۇ .سارچىنى يىگەندە قىزىتمىنى توختىتىش ،سۈيدۈكنى ھەيدەش ،نىرۋىنى تىنىچلادۇرۇش رولى بار ،لىكىن قۇرۇق سارچىنى تۇزغا چىلاپ يىيىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى سۇغا چىلاپ ئۇنى ئەسلى ھالەتكە قايتۇرۇش كىرەك .



خەتكۈچلەر:
20-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-05-2016
    ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.     ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
09-05-2016
    بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا دادىنىڭ ئۆز قولى بىلەن بوۋاقنىڭ ھاياتىغا «لېنتا كېسىشى» ئۈچۈن، كىندىك كېسىش ئىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. لېكىن بىر دادا بار بول...
08-05-2016
    بىر يىل ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى سىناق قىلىش خىزمىتى تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇ ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ھەقلىق ...
08-05-2016
     1. كالپۇك ئىششىش ۋە چىڭقىلىش. بۇ رىئاكسىيە قىلغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۆز ياشاڭغىراش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنى لەۋسۇرۇخ ۋە يىمەكلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىششىش ئ...
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
02-05-2016
    يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ: ...
30-04-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغ...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
30-04-2016
     تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
Powered by Leglek