شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسى سىز ئويلىغىنىڭىزدەك ياخشى ئەمەس

     دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان « 2014-يىللىق پۇقرالارنىڭ بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى » غا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 96.33 بولۇپ،پۈتۈن مەملىكەتتە 28- يەنى ئارقىدىن سانىغاندا 4-ئورۇندا تۇرغان. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق (2005 ۋە 2010) تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسى مەملىكەت بۇيىچە تۆۋەن سەۋىيەدە بولغان .

     شىنجاڭ تەنتەربىيە پەن تەتقىقات ئورنىدىكى ئالاقىدار خىزمەتكە مەسئۇل مۇتەخەسسىس چۈشەندۈرۈپ ، شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشى بولماسلىقتىكى سەۋەب،شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن،پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى ئاز بولغانلىقتىن،بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى ئىسسىقلىق ۋە تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ،شۇڭا تېز سۈرەتتە سەمرىش بىلەن بىرگە بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،دېدى.

        بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،شىنجاڭ تەنتەربىيە پەن تەتقىقات ئورنىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر ۋە ئوبلاستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 چوڭ رايونىدىن بولۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ئىختىيارىي تاللاپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئەرلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ئاياللاردىن، يېزا كەنت پۇقرالىرىنىڭ بەدەن ساپاسى شەھەرلىكلەردىن ياخشى بولۇپ چىققان،بۇ ئەرلەرنىڭ بەدەن ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە يېزا كەنتلەردىكى سىرتقى ئەمگەك ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

      2010-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ قېتىملىق نەتىجىدە دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ئومۇمىي يۈزلۈك ئاشقان،بىراق شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 2010- يىلدىكى كەينىدىن سانىغاندا 6- ئورۇندىن 4-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان...

         مۇتەخەسسىسلەر ياش-ئۆسمۈرلەرگە كۈندە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش،قۇرامىغا يەتكەنلەر بولسا بىر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 2 ياكى 3 قېتىم تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش،ھەر قېتىملىق ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى 1 سائەتتىن ئاز بولماسلىق،ئەڭ مۇھىمى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن بەدەن ساپانى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.



خەتكۈچلەر:
05-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek