شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالىكساندىر سۇرجىن شىمالىي كالفورنىيەدىكى ئۆيىدە جىگەر كىسلى تۈپەيلى 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سۇرجىن پۈتۈن ھاياتىدا 300خىلدىن ئارتۇق نىرۋا كىسەللىكى دورىسى ياساپ چىققان بۇلۇپ داڭلىق باش چايقاش كۇملىچىمۇ ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم يېڭى بىر خىل دورا ياساپ چىقسا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئايالىنىڭ بەدىنىدە سىناق قىلدىغان بۇلۇپ بەزىدە تېخى دوسىتلىرنىمۇ چاقىرىپ بىرلىكتە كەيىپ قىلدىكەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا ئۇ جەمئىي 4000قېتىمدىن ئارتۇق خىيالىي تۇيغۇنى سۈرۈپ بېقىپتۇ.
ئالىكساندىر سۇرجىن 1925-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامىرىكنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى بوكلىدا تۇغۇلغان . داڭلىق دورا مۇتەخەسىسى ، خىمىيە ئالىمى ۋە دورا تەتقىق قىلغۇچى . ئۇ يەنە دۇنيادىكى نىرۋا كىىسەللىك دورىسىنى ئەڭ كۆپ ياساپ چىققان ئالىم بۇلۇپ ئۆزىنىڭلا سىناق قىلىپ باققان دورىلىرنىڭ تۈرى 200دىن250 كىىچە .ئۇ دورىلارنى سىناق قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھىس -تۇيغۇلىرنى خاتىرلەپ چىققان ، ئۇ بۇ خىلدىكى تەلۋىلەرچە دورا تەتقىق قىلشى باشقىلارنىڭ ئۇنى ‹‹تەلۋە ئالىم››دىيشىگە سەۋەب بولغان.
1912-يىلى موك شىركىتى باشقا بىر تۈردىكى بىرىكمە ماددىنى ياساپ چىقىپ بىر خىل قوشۇمچە مەھسۇلات MDMAغا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا موك شىركىتى سىستىملىق ھالدا خىميەلىك بىرىكمە ماددىلارنى ياساۋاتقان بۇلۇپ چوڭ كۆلەملىك پاتېنىت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلغان . ئۇلارنىڭ قارشىچە بۇ خىل دورىلار ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى جەھەتتە كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك يۇشۇرۇن سېھىرى كۈچى بار دەپ ئويلىىغان .
بىرىنجى دۇنيا ئۇرشى پارتىلغاندىن كىيىن بۇ دورىلار ئەسكەرلەر ئارىسىدا ھىسسىياتنى ئۇرغۇتۇش دورىسى ئورنىدا ئىشلتىلىپ ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىر پەيدا قىلغان . ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ دورىلار تەتقىق قىلنىشتىن ۋاز كىچىلگەن شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ئۇ دورىلارنى تەتقىق قىلمىغان ، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۇ دورىلارنىڭ بارلىقنى بىلەتتى .
1976-يىلى سۇرجىن بىر خىل يېڭى بىرىكمە ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىپ چىققان . ئۇ MDMAنىڭ مېڭە دولقۇنىغا تەسىر كۆرسىتىش رولى بارلىقنى بايقىغان .ئۇ نىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوكتوۋىندىكى بىر نىرۋا كىسەللىكلەر مۇتەخەسىسى زىف تۇنجى قېتىم MDMAبىلەن قايتا ئۇچراشقان ھەمدە ئاستا-ئاستا ئاامىرىكنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بۇ دورىنى تۇنۇتقان . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغغا كەلگەندە بۇ دورا ئامىركىلىق پىسخولوگلار ئەڭ كۆپ ئىشىلتىدىغان دورا بۇلۇپ قالغان.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرنىڭ ئوتتۇرى، MDMAئامىرىكانىڭ ددورا بباشقۇرۇش تىزىملىكىگە كىىرگەن. بىراق بۇ ۋاقتا ئۇ ئاللىقاچان بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن بۇلۇپ ئاالدى بىلەن تىكساس شىتاتى دالاس رايوندىكى قاۋاقخانا ئارقىدىن ھەرخىل ھەمجىنىسلار سورۇنلىرى ،ئىلىكتىرونلۇق مۇزىكا قاۋاقخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەرەققىي قىلىپ ئاخىردا جەمئىيەتتىكى كىشىلەر توپىغا تارقالغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى MDMA ‹‹باش چايقاش كۇملىچى ››دىگەن نام بىلەن ياشلار ۋە ھەتتا ئوتتۇرا چوڭ ياشلىقلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ تىزلا ئاامىرىكدا ئىشىلتىش چەكلەنگەن تۆت چوڭ قانۇنسىز دورىنىڭ بىرىگە ئايلانغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە MDMAھازىر دۇنيادىكى ئىشىلتىلشى ئەك كەڭ بولغان بىرىكمە نىرۋا خاراكتىرلىك دورا بۇلۇپ قالدى.
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، برازىلىيەنىڭ برازىلىيە شەھىرى، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روسسېف سۆز قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved