2015-يىللىق ئەنگلىيە بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى تارىخى رېكورت ياراتتى

       Rentrakشىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ پۈتۈن يىللىق بېلەت كىرىمى 1.910 مىلىيارد دوللار (تەخمىنەن 1.310 مىلىيارد فوندستېرلىڭ) غا يېتىپ، 2014-يىلىدىكى 1.650 مىلىيارد دوللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا %15 ئاشقان، ئوخشاشلا 2012-يىلىدىكى 1.720 مىلىيارد دوللاردىن ئېشىپ تارىخى يېڭى رېكورت ياراتقان.

     2014-يىلى ئەنگىلىيە بازىرىدا پەقەت «خوبىت 3» بىر فىلىمنىڭلا بېلەت كىرىمى 60 مىلىيون دوللاردىن ئاشتى، 2015-يىلىدا بېلەت كىرىمى 60 مىلىيون دوللاردىن ئاشقان فىلىمدىن بەشى بار. ئالدىنقى ھەپتە سەيشەنبە كۈنىگىچە، «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» نىڭ بېلەت كىرىمى جۇغلانمىسى 148.7 مىلىيون دوللارغا يېتىپ، 2015-يىلى قويۇلغان يېڭى فىلىم قاتارىدىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى فىلىمغا ئايلاندى ھەمدە ناھايىتى تېزلا «007: ئەرۋاھ» دىن ئېشىپ، ئەنگىلىيە كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ بازارلىق فىلىمغا ئايلاندى. بىراق، ناۋادا يىل ئىچىدىكى بېلەت كىرىمىنى ھېسابلىساق، 2015-يىللىق چېمپىيون يەنىلا «007:ئەرۋاھ»، بېلەت كىرىمى 137 مىلىيون دوللار.

ئالدىنقى يىلى شىمالى ئامېرىكىدا ئىپادىسى ياخشى بولغان يەرشارى كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيە بازىرىدىكى ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بولدى، پۈتۈن يىللىق كىرىمى 497.9 مىلىيون دوللار بولۇپ، %21 بازار ئۈلۈشىنى ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ تارىخى رېكورتىنى يېڭىلىدى. تارقاتقان فىلىمىدىن تۆت فىلىم بېلەت كىرىمى رېتى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم «يۇرا ئېراسى دۇنياسى»، «سېرىقچاقلار»،«سۈرئەت 7»، ۋە «Fifty Shades of Grey». ئارقىدىكى دېسنىينىڭ بېلەت كىرىمى 381.3 مىلىيون دوللار بولۇپ، ئۈچ فىلىم بېلەت كىرىمى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى.

    گەرچە ئەنگىلىيەنىڭ بېلەت كىرىمى 2015-يىلى تارىخى يېڭى يۇقىرى نۇقتا رېكورتى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما Rentrak شىركىتى بۇ خىل ئېشىش يۈزلىنىشى 2016-يىلى داۋاملىشىشى تەس دەپ قارىغان، چۈنكى بۇ يىل «007: ئەرۋاھ» ۋە «پىلانىتلار ئۇرۇشى7» دەك بۇنداق بازارلىق فىلىم يوق.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek