IT ئائىلىسى خەۋىرى/ لەگلەك تورى تەرجىمىسى:نۆۋەتتە دۆلىتمىزدە يانفۇن ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان شىركەتلەر كۆپ بولسىمۇ ئەمما ئۆزەك پلاستىنكىسى ئىشلەشتە پەقەت خواۋىي شىركىتى ئۆزەك پلاستىنكا تەتقىقاتىدا ئالدىنقى سەپتە تۇرماقتا. جوڭشىن شىركىتىمۇ ئۆزەك پلاستىنكا ئۈستىدە ئەمدى قەدەم تاشلىىغان.يېڭى قەدەم تاشلىغان بولسىمۇ ئىلگىرلەش بولىدۇ ئەلۋەتتە.
ئالما شىركىتى نېمە ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەت قازاندى؟ ھەممىمىز بىلىمىزكى يانفۇنلىرىغا سەپلەنگەن ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، سىستېمىسىمۇ ئۆزلىرى مۇستەقىل ئاچقان سىستېما .مۇشۇنداق قاتتىق دېتال بولسۇن ۋە ياكى يۇمشاق دېتال ھەممىسى ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ئۈسكىنىدە تەبىئىيلام ماسلىشىش بولىدۇ. ئەگەر iPhoneغا Android سىستېمىسىنى يازغان بولساق ، A8 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۈستىدە Android5.0نى يۈرگۈزۈلسە ئەمەلىي يۈرۈشتۈرۈشكە بولمىسىمۇ ئەمما بىر قاتار مەسىلىلىلەر تۈگىمەي چىقىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، يانفۇن ياكى سىفىرلىق ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى سىناشتا يەنىلا يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتالنىڭ بىردەكلىكىنى ھاسىل قىلىنسا مۇكەممەلىككە قاراپ يول ئالغان بولىدۇ ھەم ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ئۆزىنىڭ ئۆزەك پلاستىنكىسىغا ئۆزى مۇستەقىل ئاچقان يېڭى تېخنىكىلار سەپلەنسە مەلۈم جەھتتىكى ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ،مەسلەن ئالما يانفۇنلىرىنىڭ بارماق تونۇش ئىقتىدارى بىلەن A8 بىرلىشىپ بىخەتەرلىك جەھەتتە ئۆزگىلەردىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.ئەمدى دۆلىتىمىز ئىشلىگەن مېيزۇ يانفۇنى ھازىر دۆلەت ئىچىدە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، لىكىن مېيزۇ يانفۇنىغا سەپلەنگەن ئۆزەك پلاستىنكىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەس،بارماق تونۇش ئىقتىدارىمۇ ئۈچىنچى تەرەپ سىستېمىسىغا يۈكلەنگەن.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىخەتەرلىكدە بىر مەسىلە كۆرىلىشى مۇمكىن.
ئۆزى ياسىغان ئۆزەك پلاستىنكا ھەم مۇستەقىل ئاچقان سىستېما بولمىسا دۆلەت يانفۇن ياساش شىركەتلىرى باشقىلارنىڭ باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈمىنى يۈرگۈزۈشكە مەجبۇلاپ قويىدۇ.بۇنىڭدىن بۇرۇن شياۋمىي شىركىتىنىڭ ئۆزەك پلاستىنىكىسىنى ئالماشتۇرغىنى ھەرقايسى يانفۇن شىركەتلىرىگە ئەسكەرتش بولغان ئىدى.ھازىر دۆلىتىمىز بىريىلدا ئىمپورت قىلغان ئۆزەك پلاستىنكىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى نېفىتنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. گەرچە جوڭگۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفۇن سېتىش بازىرىغا ئايلانغان بولسىمۇ،يەنىلا باشقا ئەللەردىن كىرگۈزگەن ئۆزەك پلاستىنكىسىنى ئىشلەتمەكتە.
يۇقارقى باياندىن شۇنى ھىس قىلالايمىزكى دۆلىتىمىزدىكى يانفۇن شىركەتلىرى ئۆزلىرى ياسىغان ئۆزەك پلاستىنكىسىغا مۇھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرى ئاچقان مەشغۇلات سىتېمىسىغىمۇ مۇھتاج،مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ ھەقىقىي دۆلىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved