12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 8 دىن ئاشقاندا، شەھەر ئاھالىسى جاۋ ئۇستام پۇكو پۇدۇڭ يولى 332- نومۇرلۇق ئۆيدىكى بىر 70 نەچچە ياشلىق ياشانغان بوۋاينىڭ ئاچلىقتىن يوتقىنىنىڭ پاختىسىنى يېگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. كەينىدىن ساقچىلار تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ يالاڭئاياغ بوۋاينىڭ كارىۋاتتا قىيپاش ھالەتتە ياتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۆينىڭ ئىچىنى چىدىغۇسىز سېسىق پۇراق قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، يەردە نۇرغۇنلىغان يىرتىلغان تور پاختىلار تۇراتتى.
جاۋ ئۇستامنىڭ دېيىشىچە، بوۋاينىڭ تۆت ئۈچ قىز ۋە بىر ئوغلى بار بولۇپ، ئادەتتە ئوغلىلا كېلىپ يوقلاپ تۇرىدىكەن. ئەمما بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئوغلىنى كۆرمىگەن بولۇپ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بوۋايغا ئىككى تال موما ئەكىرىپ بەرگەنىكەن. كەچتە بوۋاينىڭ ئاھ ئۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كىرىپ، بوۋاينىڭ تور پاختىنى يەۋاتقانلىقى ھەمدە توڭلىغىنىدىن پۈتۈن بەدىنىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.
ساقچىلار جاۋ ئۇستام تەمىنلەپ بەرگەن تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق بوۋاينىڭ ئوغلى بىلەن ئالاقىلاشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي بوۋاينىڭ ئوغلى ماۋ ئۇستام يېتىپ كەلگەن. ماۋ ئۇستام ئۆزىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقى، ئادەتتە پەقەت ئۆزىنىڭلا دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقى، باشقا ئۈچ ئاچا-سىڭىلنىڭ ھەر بىرىنىڭ يىلىغا 1000 يۈەنلا بېرىدىغانلىقى،بۇ پۇلنىڭ ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىگىلا يېتىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭمۇ ئۆي سېتىۋالغاچقا قەرز قايتۇرىۋاتقانلىقى، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئالدىراش بولۇپ قالغاچقا كېلەلمەي قالغانلىقىنى ئېيتقان.
ساقچىلار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق ماۋ ئۇستام تېزدىن ئۆينى تازىلىغان ۋە دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ھەمدە ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان.
12
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved