رۇسىيە ئۇچۇر تەھلىل مەركىزى تور بېكىتى يېقىندا چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيامۇ ياكى يېڭى ئوتتۇرا شەرقمۇ دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دېگەن بۇ ئۇقۇم شەكىللەندى، ئۇ كېيىنكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسى بىلەن قازاقىستاننى بىرلەشتۈرىدۇ.
مەيلى چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى يېڭى ئوتتۇرا شەرق بولسۇن ھەممىسى تاشقى رىقابەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇغراپىيەلىك سىياسى كەشپىيات. چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەسەۋۇرىنى ئامېرىكا ئالىمى سىتار ئوتتۇرىغا قويغان، يېڭى ئوتتۇرا شەرق تەسەۋۇرىنى رۇسىيەدىكى بىر قىسىم ئالىم ۋە قابىللار ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەسەۋۇرىنى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمەلىيەتتە بۇ تەسەۋۇرلارنىڭ ھەممىسى ئافغانىستان بىلەن كېيىنكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسى بىر رايونغا تەۋە. ئامېرىكىلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا تەسەۋۇرىغا پائال تۈرتكە بولماقتا.
يېڭى ئوتتۇرا شەرق تەسەۋۇرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ بىكار ئەمەس. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئالمۇتادا ئورتاق جۇغراپىيەلىك سىياسى بوشلۇقتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى باش تېما قىلغان خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، يىغىننىڭ ئاتىلىشىدا يېڭى ئوتتۇرا شەرق ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانىدى، ئەمما ئۆزىنى ئالداشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئىككى ئوخشىمىغان رايوننى بىر يەرگە قويۇپ مۇزاكىرە قىلىش- ئۇلارنىڭ تارىخ ۋە رىئاللىقتا مەلۇم ئورتاق نۇقتىسى بارلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.
ئىران، ئافغانىستان، پاكىستان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىن خالىي ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىران، پاكىستان بىلەن تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە بىرلىكتە مەركىزى ئەھدىنامە تەشكىلاتىغا كىردى. يېڭى ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىر مەزگىل رۇسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ بىر قىسىمى، كېيىنكى 70 يىل سوۋىت ئىتىتپاقىنىڭ بىر قىسىمى بولدى، ئەڭ ئاساسلىق بىر نۇقتا يېڭى ئوتتۇرا شەرق تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ مەقسىتى بويىچە، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى بىر ئاكوپقا ئايلاندۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي ئەسلىيەتچىلىك بىلەن تېرروچىلارنىڭ تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى- جۇڭگونىڭ زور ئىستراتىگىيەسىنىڭ ئارقا تەرىپى، جۇڭگو ئىقتىسادى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىش بازىرىغا ئېھتىياجلىق، بۇ رايون يەنىلا جۇڭگو تاۋارلىرىنى ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان ئەڭ قىسقا قۇرۇقلۇق يولى. شۇڭلاشقا بۇ ئۈچ تەسەۋۇرغا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىدىغان ئۈچ چوڭ دۆلەت مەنپەئەتى يۇشۇرۇنغان دېيىشكە بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقىت باشقا ئىككى تەسەۋۇردىن كىيىنرەك ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي شارائىت بىلەن تېخىمو قوللاش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتىدىكى قابىللارنىڭ بۇ رايوننى قانداق ئاتاش ۋە نېمە ئۈچۈن دېگەنلەرنى ئويلىشىشىغا ئىھتىياجلىق ئەمەس. جۇڭگو ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ قاتناش يۇشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ جۇڭگونىڭ ئىستىراتىگىيەلىك ئارقا تەرىپى بولامدۇ-يوق، ھەر قايسى دۆلەت قابىللىرى بۇنىڭغا قارىش تۇرمايدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا خىرىس قىلغۇدەك مادارىمۇ يوق. خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ۋە سېتىش بازىرى جەھەتتە يۇقىرىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى قوبۇل قىلدى، جۇڭگونىڭ تاۋارلىرىنى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغىنى قىرغىزىستان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىستىمال بويۇملىرىنى ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى.
چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېڭى ئوتتۇرا شەرق تەسەۋۇرى قارماققا ئاجىز ۋە مۇرەككەپتەك كۆرۈنىدۇ. 1- ئۇلار ناھايىتى زور دەرىجىدە نەزەرىيەنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ ئىزدىنىشتە تارىخ ۋە رىئاللىققا ئەھمىيەت بېرىلگەن. 2-بۇ ئىككى تەسەۋۇر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت قابىللىرىنى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسى ئويۇنىدىكى ئارزۇسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قابىللىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىيەت يەنى ئامېرىكا، رۇسىيە، جۇڭگونىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشىغا ماسلىشىپ بولدى. مەيلى قانداق بولسىۇن، قابىللار مۇھىم بىر قەدەمنى باستى، ئۇلار ئافغانىستان بىلەن چەك چېگراسىنى ئايرىمايدۇ ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ئەمما ھازىرغىچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى باغلانغان بىر ھەقىقىي لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. ئومۇملاشتۇرغاندا، ئۈچ خىل تەسەۋۇرنىڭ ھەممىسى تاشقى رىقابەتلەشكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved