جاھان ئاگېنتلىقى 23-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق پايتەختى باغدادتا شىئەلەر كۆپ سانلىق بولغان رايۇنلاردا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىدە ئاز دىگەندە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 40 كىشى يارىلاندى.
ئىراق ھەربىي دائىرلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، باغدادنىڭ شەرقىدىكى ھەبىيبىيە بازىرىدا بىر ئاشخانا ئەتراپىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتۇمبىل بومبا پارتىلىدى. دوختۇرخانا دائىرلىرى بۇ ۋەقەدە 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
باغدادنىڭ شەرقىدىكى مائامىل رايۇنىدا توختىتىپ قۇيۇلغان ماشىنا بومبا پارتىلاپ نەتىجىدە 3 كىشى ئۆلدى ۋە 9 كىشى يارىلاندى.
پايتەخىتنىڭ شەرقىدىكى ئەمىن مەھەللىسىدىكى يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى ئۆلدى ۋە 6 كىشى يارىلاندى. ئەس سەفىر مەھەللىسىدىكى راكىتا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلۈپ 3 كىشى يارىلاندى.
باغدادنىڭ شىمالىدىكى ئەت تاجى رايۇنىدا ئىراق سانائەت ۋە كانچىلىق مىنىستىرلىكى خادىملىرى ئولتۇرغان ماشىنا پارتىلاپ 2 كىشى ئۆلدى ۋە 7 كىشى يارىلاندى.
باغدادتا يېقىنقى بىر قېتىملىق بومبا ھۇجۇمىدا 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 94 كىشى يارىلاندى. بۇ ھۇجۇمنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلات ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
ئىراقتا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان قالايمىقانچىلىق، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 10-ئىيۇندا دۆلەتنىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنى كونترول قىلىۋېلىشى ۋە باشقا رايۇنلاردا كېڭىيىشىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپەيدى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى رايۇندا كۈچلەنگەندىن كېيىن ئىراق ئارمىيىسى ئەسكەرلىرى رايۇندىن چېكىنگەن ئىدى. ئامېرىكا قىسىملىرى ئاۋغۇست ئېيىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى ئورۇنلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىشنى باشلىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved