شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .تاموژنا باش مەھكىمىسى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا شىنجاڭدا ئەتكەس قىلىنغان 204 قاراكۆل تاشپاقىسىنى پاكىستانغا تاپشۇرۇپ بەردى . بۇ قارا كۆل تاشپاقىسى پاكىستاندىن ئەتكەس قىلىنغان بۇلۇپ قەشقەردە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن .
قارا كۆل تاشپاقىسى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار قاتارىدىن بۇلۇپ ،خەلقئارادا سودىلىنىشقا يول قۇيۇلمايدۇ .قارا كۆل تاشپاقىسى ئادەتتە ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا يەنى ھىندىستان ،پاكىستان ئېلىمزىدىكى يۈننەن ،گۇاڭشى قاتارلىق جايدىكى بىر قىسىم كۆللەرگە ماكانلاشقان .
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈشتە ،قارا كۆل تاشپاقىسىدىن باشقا يەنە بىر نەچچە خىل قوغدىلدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى بايقىغان . ۋەقەدىن كېيىن ئېلىمىز دېڭىز ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۈرۈمچىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن قارا كۆل تاشپاقىسىنى پاكىستان تەرەپكە قايتۇرۇپ بەرگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved