ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىي، گىرمانىيەگە زىيارەتكە بىرىشتىن بۇرۇن< فىرانكىرۇت دوكىلاتى> نىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، < ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېينكى ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۇچ كەلگەن تارىخ ئۆزگىرشى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ > دېگەننى باھانە قىلىپ، گىرمانىيە تەلەپ قىلغان < قوشىنا دۆلەتتىن تەلەپ كەچۈرۈم سوراش> نى رەت قىلدى.
شىنزو ئابىي < ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ سىناق ئىتتىپاقلىشىش. بۇ جەرياندا، گىرمانىيەنىڭ كەچۈرۈم سورشى تىنىچلىق ۋە كېلىشىمنى ئىلگىرى سۈردى> . مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياۋروپادا چوڭ ئىتتىپاقلىشىش كەيپىياتى مەۋجۇت، شۇڭلاشقا گىرمانىيە كەچۈرۈم سوراش ۋە ئەپلىشىپ قىلىشتىن ئىبارەت پوزىتسىيەنى نامايەن قىلدى.
ئەمما شىنزو ئابىينىڭ قارىشچە، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاسىيادا يۈز بەرمىگەن .
ئەگەر شىنزو ئابىي ئېيتقاندەك، ئاسىيادا، ئەپلىشىپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەيپىياتى كەمچىل بولسا، ئۇنداقتا بۇ كەيپىيات كىم تەرىپىدىن بۇزۇغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ؟
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېينكى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا دۇچى كەلگەن تارىخ ئۆزگىرىش پەرقى بەكلا چوڭ. ئەڭ ئاساسىي سەۋەب شۇكى ياپونىيە ئۇرۇش جىنايىتىنى ئىقرار قىلمايدۇ، ئەكىسچە تېنۋىلىشنى ئويلايدۇ. مۇشۇنداق بىر ئاساستا ئاسىيادا ئەپلىشىپ قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خۇددى ياۋرۇپاغا ئوخشاش بىر گەۋدىلىشكە يۈرۈش قىلىش، كۈپ كۈندۈدە ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك ئەمەسمۇ؟
ئەپلىشىپ قىلىشنىڭ ئاساسى تارىخى ھەقىقەتنى ئىتراپ قىلىش، بۇ كەچۈرۈم سوراشتىن مۇھىم.
ئەمەلىيەتتە، ياپونىيە ئاسىيا كېلىشىشىدە تىرشچانلىق كۆرسەتمىگەن ئەمەس، 1993 – يىلىدىكى ئاياللاردىن كەچۈرۈپ سوراش ۋە 1995 – يىلدىكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخى خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە توغرا چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئەپلىشىپ قىلىش كەيپىياتنى ئىلىگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئەمەلىي ئەمگەكلەر.
ئەپسۇلىقى، ياپونىيەدىكى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ئەربابلارنىڭ گەپ- سۆز، قائىدە – يۇسۇنلىرى يۇقىرىقى تىرىشچانلىقلارنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۋەتتى.
شىنزو ئابىي تەخىتكە چىققاندىن كېين، < ئاكتىپ تىنچ مەسلىكى> ، قورال – ياراغ ئىكىسپورت قىلىشنى كېڭەيتىش ئۈچ پىرىنسىپى، ئاساسى قانۇن چۈشەندۈرلىشىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق يولغا قويغان تۈزۈملەر، دۇنيادىكى ھەممەيلەننى تېزلا ئوڭغا قارىلغان ياپونىيەدىن غەم قىلىشقا ئۈندىدى. ياپونىيە كانتون ئارمىيسىنىڭ ئاسىيا خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقنى تىلغا ئالماي قۇيۇپ تۇرايلى، ئۇنداقتا، زادى كىم، ئاسىيانڭ ئەپلىشىپ قىلىشنى تەسلەشتۈرۋەتتى؟
شىنزو ئابىي ئەينەككە ياخشى بىر قارپ بىقىڭ!
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved