ئەسلى تېما :سەئۇدىي .ئەرەبىستان 1070مېتىرلىق ،دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنانى سالماقچى ، دۇبەي مۇنارىدىن 180مېتىر ئېگىز .
4-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقالغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان ۋە تەييارلىقلاردىن كېيىن ،سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھرىدىكى خانلىق دۆلەت مۇنارى قۇرۇلىشى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىش باشلايدىكەن .
مۆلچەرلىنىشىچە بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا 2018-يىلى پۈتۈپ چىقىدىكەن .خانلىق دۆلەت مۇنارىنى سەئۇدىي ئەربىستاندىكى ھالفا مۇنارىنى لاھىيلىگەن ئاساسلىق قۇرۇلۇش ئۇستىسى لاھىيلەپتۇ .بۇ مۇنار قۇرۇلغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا قۇرۇلىشى بۇلىدىكەن ،بىنانىڭ ئېگىزلىك 1007مېتىر بۇلۇپ ،خالفا مۇنارىدىن( 828مېتىر)180مېتىر ئېگىز بۇلىدىكەن .
ئسپانىيە گېزىتىدە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى دوكلات قىلىشىچە ، بۇ بىنانىڭ قۇرۇلىشىغا جەمئىي 12مىلىيارد ئامرىكا دوللىرى كېتىدىكەن ،سەئۇدىي ئەرەبىستان شاھزادىسى بۇ ئېگىز مۇنارنىڭ باش مەبلەغ سالغۇچىسى بۇلىدىكەن ،بۇ بىنا پۈتكەندىن كېيىن ،ئىچىگە مېھمانخانا ،ئىشخانا ، ياتاق ،ھەمدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالىي مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ئورۇنلاشتۇرلىدىكەن .
بىنانىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشى بولسا ،قۇملۇقتىكى ئۆسۈملۈكنىڭ يۇپۇرمىقى شەكلىدە ياسىلدىكەن ،بۇ خانلىق دۆلەت مۇنارىنىڭ ھەر بىر يان تەرىپىگە چوڭ پىشايۋان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن ،بۇ پىشايۋاندا تۇرۇپ گۈزەل شەھەر مەنزىرسىنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن .
خانلىق دۆلەت مۇنارىنىڭ سېلىندىغان ئورنى جىددە شەھرىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ ،بۇ مۇنار قۇرۇلىشى 5.3كۇۋادرات كىلومىتىر بولغان دائىرنى ئىگەللەيدىكەن ،كەلگۈسىدە بۇ مۇنار يېڭى شەھەر رايونىنىڭ يەر بەلگىسى ۋە ئەڭ بالدۇر قىلغان قۇرۇلىشى بۇلۇپ قالىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved