ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئاۋىستىرالىيە تېلېۋىزىيە چولپىنى Liz Kanter يېقىندا بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا قانات يايدۇرغان ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى«كۆزىڭىزنى ئېچىڭ» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى ئاشكارلىغان. ئۇ تورداشلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ كۆز قىسىم رەسىملىرىنى يوللاپ «كۆزىڭىزنى ئېچىڭ» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىشقا، شۇنىڭ بىللە يەنە داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىققا ئىلھاملاندۇرغان. پائالىيەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بەزىلىرى تەشۋىق قىلىشىپ بەرگەن، بەزىلىرى پۇل ئىئانە قىلغان.
2015-يىلى، ئاۋىستىرالىيەدە 79 نەپەر ئايال ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇنداق ئېچىنىشلىق ئىشلارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يىل بېشىدا ئىككى تور بەت ھەمكارلىشىپ «كۆزىڭىزنى ئېچىڭ» تېمىسىدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارىشى تۇرۇش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان. بۇ پائالىيەت قاتناشقۇچىلارنى كۆز قىسىم رەسىملىرىنى يوللاشقا ئىلھاملاندۇرغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارنى ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچراۋاتقان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، گۇناھىنىڭ يولۇقىنى تونۇتۇشىنى، شۇڭا ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ چوقۇم توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. Liz Kanter مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بېشىمدىن بۇنداق ئىش ئۆتۈپ باقمىغان، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىغا تازا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، لېكىن مەن ئەتراپىمغا دىققەت قىلىپ باقسام ئائىلە زوراۋانلىقى ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەن. مەن باشقىلارنىڭ يولدىشىنىڭ ئۆزىنى ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى، ھاقارەتلىك تىللار بىلەن تىللىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغان. بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن، لېكىن ئاشكارلىمىغاچقىلا يېپىلىپ قېلىۋېرىدىكەن.»
بۇ ئىشلارنى بىر ئامال قىلىپ ئوڭشايدىغان يەرگە كەلگەن، مەن ئۇلارغا بىر كىشىنىڭ باش بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن تۇنجى قەدەمنى ئالدىم. مەن چىن دىلىمدىن كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشقا بولغان دىققىتىمنى قوزغىغىنى ھېلىقى دېڭىز قىرغىقىدىكى قىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى. بۇ يەردە ئۇنىڭ دەۋاتقىنى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن 24 ياشلىق ئانا تارا بران بولۇپ، ئۇ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئېرى تەرىپىدىن سوقۇپ، يولغا چىقىرۋېتىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. «بۇ ئىشنى ھەر قېتىم ئەسكە ئالغىنىمدا كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولاتتى. لېكىن ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار ئەمەس، ئەرلەرمۇ بار. مەسىلەن: بىر ئائىلىدە دادا بىلەن بوۋا-مومىسى بىرلىشىپ، ئۆيىدىكى ئۈچ ئەزاغا زوراۋانلىق قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بار ئىكەن.»
Liz Kanter نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. گەرچە بۇ ھەرىكەت ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم جەمئىيەتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇ پائالىيەت 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved