ستالىن نېمىشقا چوڭ تازىلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان؟

        سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىن يولغا قويغان چوڭ تازىلاش سىياسىتىنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا 70 نەچچە يىل بولۇپ قالدى. رۇسىيە ئارخىپ ئىدارىسى يېقىندا ئاشكارىلىغان ماتېرىيالغا قارىغاندا، چوڭ تازىلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ ماھىيىتى ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس ئىكەن.1937-يىلى مارتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى ئالېكساندىر ئورلو ئىسپانىيىدىكى ئالدىنقى سەپتە خائىنلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن خەۋىرى بار ئورلو كېيىن يازغان ئەسلىمىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قەستىدە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئىگىلىنىشچە، سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئارىسىدا ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىسسارىياتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى بىلەن تاشقى كاۋكاز ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى مارشال ئىگور بىلەن كىيىۋمۇ بار ئىكەن. ستالىن بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش قەستىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كەسكىن تەدبىر قوللانغان.

   

          سوۋېت ئىتتىپاقىغا خائىنلىق قىلغان پروفېسسور ئارتۇر خانوۋمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماتېرىياللارنى ئاشكارىلىدى. ئۇ 1931-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئادەم ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: ستالىننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بۇخارىن قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى ئىدى، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىدىن سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۇققان ئىدىم، ئۇلار دائىم ژسىياسىي ئۆزگىرىش ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى پارتىيە ئىچىدىكى نورمال تازىلاش» دەيتتى. ئۇلار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشتىن بۇرۇن ستالىنغا قارىتا «فىزىئولوگىيەلىك تازىلاش» ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ستالىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىماي قالارمۇ؟ئەلۋەتتە ئاڭلايدۇ. شۇڭا مەملىكەت مىقياسىدا بۇخارىن بىلەن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى تازىلاشنى قارار قىلغان.



خەتكۈچلەر:
16-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek