ئائىلە تەربىيىسىدىكى قىممەتلىك «بىرمىنۇت» لار

ئالەم قاتناش خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش دېگەنلىك، گېئولوگلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىرىش دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇلۇغ بىر مىنۇت. بىر مىنۇتلۇق قاتتىق يەرتەۋرەش بىر ئاۋات شەھەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇشى،بىرمىنۇتلۇق زور كەلكۈن بىپايان مۇنبەت ئېتىزلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋەھىمىلىك بىر مىنۇت.بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى،ئەگەر بۇ بىرمىنۇتتن ھوشيارلىق بىلەن جانلىق،ئەپچىل پايدىلىنالىغان بولسا، ئىنسانىيەت ئاسمىنىدابىر گۈزەل ھەسەن –ھۈسەن نۇرچاچقان بولاتتى.

 

1.بىرمىنۇتلۇق تېگىشىش.

 


ئاتا-ئانىنىڭ قولى پەرزەنتلەرنى يېتەكلەيدۇ، يېتەكلەش كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، پەرزەنتلەر شۇنچە ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. بالىڭىزنىڭ بېشىنى مېھرىڭىز بىلەن ئاستاغىنە سىلاپ قويۇڭ.ئۇنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى چىڭ تۇتۇڭ، بۇ خىل تېگىشىش ئارقىلىق بالىڭىزغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ، مۇھەببەت ۋە كۈچ بېغىشلاڭ.لېكىن بۇنداق تېگىشىشتە كەيپىياتقا، سورۇنغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

 

 

2.بىرمىنۇت دىققەت قىلىپ ئاڭلاش.

 


دائىملا بالىڭىز ئاڭلىغۇچى بولىۋەرمىسۇن، سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، بالىڭىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىڭ، بالىڭىزنىڭ قەلب دۇنياسىغا كىرىپ بېقىڭ،يۈرەكلىرىڭلارتېگىشسۇن.ئۈنۈملۈك تىل ئالاقىسىگە ئەھمىيەت بېرىڭ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنەلەيسىز، ئۆزىڭىز بىلەن بالىڭىز ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھىسىياتنى ئىلگىرى سۈرەلەيسىز.بالىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، چوقۇم زېھنىڭىز مەركەزلەشكەن، روھىڭىز كۆتۈرەڭگۈ، پوزىتسىيىڭزمۇلايىم بولۇشى كېرەك.

 

3.بىرمىنۇت ئويۇن ئويناش.

 


بىر دۆت بالا ئويۇن ئويناش جەريانىدا خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.بىر ئەقىللىق بالائويۇن ئويناش جەريانىدا بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ، بىر ياراملىق بالائويۇن ئويناش جەريانىدا پاراسەت يېتىلدۇرىدۇ.ئويۇن ئويناش بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارئوتتۇرسىدىكى ھىسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بالىلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن چوقۇم مەزمۇنى ساغلام ،ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە، قىزىقارلىق، بالىلارنى مۇكەممەللىككە، ئىلگىرىلەشكە، شادىمان تۇرمۇشقا ئىنتلدۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىشى كېرەك.

 

4.بىرمىنۇتلۇق تۈزىتىش.

 


مەجنۇنتالغا جىلۋە ئاتا قىلغان دەل شامال، تىپتىنچ سۇغا ھەيۋەت ئاتا قىلغان دەل دولقۇن، بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، سىز چوقۇم قانداق قىلىپ بۇ خىل قىلمىشنى تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى ئىنق كۆرسىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك.خاتا قىلمىش داۋاملىشىۋەرسە ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ، بولمىسا يىغىلىپ ئەسلگە كەلتۈرۈش تەس بولىدۇ.لېكىن بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى بايقىغاندا، ئالدى بىلەن بۇ خىل خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنىڭ سۇبيېكتىپ سەۋەب ياكى غەيرىي سۇبيېكتىپ سەۋەب ئىكەنلىكىنى، ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىنىقلىۋىلىڭ.بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزەتكەندە، سورۇنغا دىققەت قىلىڭ، گەپ-سۆزلىرىڭىز سىلىق، پوزىتسىيىڭىز مۇلايىم بولۇشى، ئالدىراقسانلىق قىلماي، قەدەممۇقەدەم ھەل قىلىشىڭىز كېرەك.ھەرگىزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىماڭ.

 

 

5.بىرمىنۇتلۇق ئىلھاملاندۇرۇش.

 


ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ، ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۈ ئۈمىدۋار لىققا ئىگە قىلىدۇ.ئىلھاملاندۇرۇش ئادەمنى مەڭگۇبەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۇرىدۇ.بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزسە، چوقۇم تۇزىتىڭ، لېكىن تۈزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىڭىزغا ئىشەنچ بىلەن قارىشىڭىز، كۆپرەك ئىلھاملاندرۇشىڭىز، ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قايتما ئىنكاسىنى قوزغىشىڭىز، مۇھەببەت بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۇرىشىڭىز كېرەك.

 

 

6.بىرمىنۇت تەرىپلەش.

 


قۇياش نۇرىدا گۈل-گىياھلاربەرق ئۇرۇپ ئۆسىدۇ، يامغۇردىن كىيىن بامبۇك نوتىلىرى ياشىرىپ كېتىدۇ.زېمىن تاغنى تىرەپ تۇرغاچقىلا، ئۇ بەھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.بالىڭىزنىڭ ھامان بىر ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق بەلكىم ئۇنى قالتىس ئادەم قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن.ئاتا-ئانا بولغان سىز، بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىكى مۇنەۋۋەرلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولىشىڭىز ۋە مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۇنى تەرىپلىشىڭىز كېرەك.

 

 

7.بىرمىنۇت قاتنىشىش.

 


قاتنىشىش كىشىگە دېمۇكىراتىيەنى،باراۋەرلىكنى، كىشىلىك ئىززىتىنىڭ نەرەرگە ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛قاتنىشىش كىشىگە دوستلۇقنى، ئىتتىپاقلىقنى، ئىناق كەيپىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ قاتنىشىش ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى توپلايدۇ؛قاتنىشىش ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بىر ئائىلىدە،ئاتا-ئانا بالىنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىغا ھۆرمەت قىلسا، ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا (مەسىلەن ،ئۆي سېتىۋېلىش،ماشىنا سېتىۋېلىش،ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش )بالىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىشى ،شۇ ئارقىلىق بالىنى ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ئادەتلەندۇرۇپ،ئىمكانقەدەر كوللېكتىۋىزملىق روھىنى يىتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك،بۇ ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قېلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق.لېكىن بۇ ھەممىلا ئىشتا بالىنىڭ دېگىنىنى قىلىش دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى قاتناشتۇرۇش مۇۋاپىق دەرىجىدە ھۆرمەت ۋە يېتەكلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بۇنداق قاتناشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى بالىدا مەسلىلەرئۈستىدە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولۇشى، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى شەرتسىز ئورۇنداش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

 

 

8.بىرمىنۇت تەنبىھ بېرىش.

 


بالىڭىز ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە،مەسىلەن، مەكتەپتە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغاندا، جەمئىيەتتە مەدەنىيەتسىزلىك قىلمىشنى سادىر قىلغاندا، چوقۇم تەنبىھ بېرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا بالىڭىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇڭا ئاتا-ئانىلاربۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىشى، زۆرۈر بولسا بايرىقى روشەن ھالدا كەسكىن تەنقىدلىشى، سەۋەنلىكنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، خاتالىقىنى تۈزۈتۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. لېكىن ھەرگىزمۇ قول كۆتۈرۈپ بالىنى ئۇرۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ، بالىدا زىتلىشىش كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.تەنقىدلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى تاللىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا، ياكى بالىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ۋاقىتتا تەنقىدلىمەسلىكى كېرەك.

 

 

9.بىرمىنۇت مۇھەببەت ئاتا قىلىش.

 


بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇنى تەنقىدلەيدىغانلىقىڭىزنى، ھەم ئاتا –ئانىلىق مېھرىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرۇپ قويۇڭ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ تېخىمۇ يېرىم بولىدىغانلىقىنى، ئۇياش تۆكسە، سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياش تۆكىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.بالىڭىزغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك.

 

 

10.بىرمىنۇت ئۈمىد كۈتۈش.

 


بالا ئاتا-ئانىنىڭ ھاياتىنىڭ داۋامى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى.بالا ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ.بالىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىڭىزنى بىلىشى كېرەك.مەسىلەن: مۇۋاپىق بىرپەيىتنى تاللاپ بالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىڭىزنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزىڭىزئۇچرىغان پىشكەلچىلىكلەرگە ئۇچراپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ؛ بالىڭىز بىلەن بىرگە كەلگۈسى تەرەققىياتىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، گۈزەل كىشىلىك ھايات پەلسەپىسى توغرىسىدا مۇڭدىشىش. ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن بالىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىنى،باتۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىڭ.لېكىن ئۇنڭىدىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىز ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، تەرەققىياتقا ماس بولۇشى كېرەك.

ـــــــ سىنا تورى مائارىپ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى



خەتكۈچلەر:
13-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek