بىر قىسىم مۇتەخەسسسلەر: يەر شارى يەر تەۋرەش پائالىيىتى جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى

ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلى، ھايتى، چىلى، جۇڭگونىڭ ۋىنچۇەن، ياپونىيەلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك يەر تەۋرىدى، نېپالدا يېقىندا 7.9بال، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەم بېكىتىشىچە 8.1بال قاتتىق يەر تەۋرىدى، كىشىلەر يەر شارى «تەۋرىنىش ئەندىزىسى»گە يۆتكىلىپ قالدىمۇ-يوق؟ دەپ سورىماي قالمايدۇ. بىر قىسىم مۇتەخەسسسلەر: يەر شارى يەر تەۋرەش پائالىيىتى جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى دەپ ھېسابلىدى، ئەمما بەزى مۇتەخەسسلەر ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتماقتا، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارشى بىردەك ئەمەس.
بۇ قېتىمقى نېپالدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشنىڭ سەۋەبىگە قارىتا، ئامېرىكا يەر تەۋرەش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ « يەر تەۋرەش تەتقىقات ئاگېنتلىقى»نىڭ باش مۇھەررىرى، جورچا سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى پىڭ جىگاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھىندىستان يەر بۆلىكى ۋە ياۋروپا ئاسىيا يەر بۆلىكى چېگرالىنىدىغان جايدا يۈز بەردى، ھىندىستان يەر بۆلىكى ھەر يىلى 4 ~ 5سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ياۋروپا ئاسىيا بۆلىكىگە قىستاپ كەلمەكتە، شۇڭلاشقا غايەت زور بۆلەك دېفورماتسىيە كۈچى توپلىنىپ، ئاخىرى يەر تەۋرەش ئارقىلىق قويۇۋېتىلىدۇ.
پىڭ جىگاڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش باشقا يەرلەردە يەر تەۋرەشنى پەيدا قىلدى. يەر تەۋرەشنىڭ پەيدا بولۇش قائىدىسى ناھايىتى ئاددىي، ئەگەر بىر يەردە گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە قاتلام مەۋجۇت بولسا، مۇدىل ياغاچ تىزغاندەك ئەمدىلا مۇقىم بولغان بۇ ھالەت سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى ئاسانلا تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ تەۋرەيدۇ. پىڭ جىگاڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەنە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: 2004-يىلى، 2005-يىلى سوماترا ئارىلىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 9بال ۋە 8.6بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىزاڭنىڭ گىرزې رايونىدىمۇ 4 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىدى.
ئۇنداقتا يەر تەۋرەش ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ يۈز بېرەمدۇ؟ يەر تەۋرەش جانلىنىش مەزگىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-يوق؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئوتتۇرىسىدا بۇ خىل ئالاقە بارمۇ-يوق؟ نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئىختىلاپى بار.

ئالدى بىلەن يەر تەۋرەشنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى قوللايدىغان كۆز قاراشقا قاراپ باقايلى: نېپالدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورى مەركىزى يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بۈلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خەيكۈن مۇنداق دېدى: يەر شارى بويىچە يەر تەۋرەش ھەرىكىتى 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سۇماترا ئارىلىدا 9بال يەر تەۋرەشتىن باشلاپ، سەككىز بال يەر تەۋرەش كۆپ يېزىش مەزگىلىگە كىردى. ھازىرغىچە 8بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش 15 قېتىم يۈز بەردى، 9بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش 2 قېتىم يۈز بەردى، بۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 20-ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى يەر شارىدىكى 8 بال يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىش ھالىتىنى ھەمدە بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلدى.
ئەمما پىڭ جىگاڭ: بۇ بىر مۇنازىرە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە دەپ ھېسابلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز 2004-يىلى سۇماترا ئارىلىدا 9 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، يەر شارىدا بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يۈز بېرىش قېتىم سانى ھەقىقەتەن ئۆتكەن 50يىلدىكىگە قارىغاندا تۆت ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقانلىقىنى بايقىدۇق. ئەمما ئالىملار يەنە بۇ يەر تەۋرەشلەرنىڭ تاسادىپىي يۈز بەرگەنلىكى ياكى بىر-بىرىگە باغلىنىشى بار يوقلىقىنى بىلىپ بولالمىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى- ئىلغار ئەسۋابتا خاتىرىلەنگەن 100 يىل ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەش تارىخى ناھايىتى قىسقا، شۇڭلاشقا يەر تەۋرەش ئالىملىرى بۇنىڭ ئىچىدىن مۇناسىپ قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىشقا ئامالسىز.
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر شارى فىزىكا ئىلىمى ئالىمى راند بالدىۋىن مۇنداق دېدى: يەرشارى مىقياسىدا، كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بېرىدىغان رايوندا ھەر قانداق بىر يىلدا كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئەمما بىز بىر ياكى كۆپ يەر تەۋرەش ھەرىكەتچان رايونى ئارىسىدا باغلىنىش بار، دەپ قارىمايمىز.
ئەمەلىيەتتە ھەر بىر قېتىم قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، يەر تەۋرەش جانلىنىش مەزگىلى توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا بولىدۇ. 2013-يىلى لۇشەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسى يەر شارى فىزىكا ئالىمى تام پارسونس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: يەر شارىدا يەر تەۋرەش يۈز بېرىش نىسبىتىدە يۇقىرى مەزگىل ۋە تۆۋەن مەزگىل بار. ئەمما بۇ خىل يۇقىرى تۆۋەنلىكنى تاسادىپىي ھادىسە بىلەن ئايرىش قېيىن. شۇڭلاشقا ئاتالمىش ھەرىكەتچان مەزگىلنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن بولۇشىغا قارىتا بىز باھا بېرىشكە ئامالسىز.
پارسونس 2012-يىلى ئېلان قىلغان «ئامېرىكا يەر تەۋرەش ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتى» دېگەن ماقالىنى تەۋسىيە قىلدى. ماقالىدە ھازىرقى جەمئىيەتتە تاراتقۇلارنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ھەر بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ تاراتقۇلاردا زور مىقداردا خەۋەر قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئىلگىرى قاتتىق يەر تەۋرىگەندە، بۇنى باشقا يەردىكىلەر بىلمەي قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
ماقالىدە مىسال كەلتۈرۈلگەن باشقا سەۋەبلەر يەنە ھازىرقى يەر شارىدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يېتىم ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر شارىلىشىش جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تېزلەتتى، كىشىلەر يەر تەۋرەش توغرىسىدىكى خەۋەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدى. بۇ سەۋەبلەرنى بىرلەشتۈرگەندە كىشىلەر ئوڭايلا يەر تەۋرەش ھەرىكەتچان باسقۇچىغا كىرگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek