پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە 2014-2015 مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 8-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئايال پادىشاھ باغچىسى كۇلۇبى بىلەن لىۋىرپول كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى.باللوتېللى بىكار ۋاراتارغا توپ ئۇرالماي ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى. دونئىن خائىن توپتىن بىر نى كىرگۈزدى.86 مىنۇت بولغاندا بارگاس بىر تپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى. قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا كۇرتىنىئو بىلەن بارگاس يەنە توپ كىرگۈزدى. كاركو يەنە خائىن توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا لىۋىرپول كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 3-2 نەتىجە بىلەن ئايال پادىشاھ باغچىسى كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 67مىنۇت بولغاندا لىۋىرپول كۇلۇبى ئالدى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. سىتىرىن تېز سۈرئەتتە ئىختىيارى توپ باشلاپ بىۋاستە جونسۇنغا بەردى. جونسۇن چەت تەرەپتىن كېسىپلا ۋاراتارنىڭ ئالدىغا تاشلىدى. دونئىن تپنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ ۋاراتارىغا كىرگۈزۈپ قويدى. لىۋىرپول كۇلۇبى 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
86 مىنۇت بولغاندا ئايال پادىشاھ باغچىسى كۇلۇبىدىن بارگاس بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 91 مىنۇت بولغاندا كۇرتىنىئو يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ لىۋىرپول كۇلۇبى يەنە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا بارگاس ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى يەنە تەڭلەشتۈرۈپ قويدى. قۇشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت توشاي دېگەندە كاركو ئۆزىنىڭ ۋاراتارىغا بىر خائىن توپ كىرگۈزۈپ لىۋىرپول كۇلۇبىغا غەلبىنى سوۋغا قىلدى. بۇ توپ كىرگۈزۈش كەسلىن جېڭىدە لىۋىرپول كۇلۇبى 3-2 نەتىجە بىلەن ئايال پادىشاھ باغچىسى كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
فىل پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر بولغان 8.4 نومۇرغا ئېرىشتى
ئايال پادىشاھ باغچىسى كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 12-نومۇر مىكاس. 4-نومۇر كاركو. 15-نومۇر ئوناخ. 13-نومۇر ئىسرون. 22-نومۇر دونئىن. 10-نومۇر فىل. 30-نومۇر ساندىرو. 20-نومۇر كال ھېنرى. 14-نومۇر ئىسرا. 25-نومۇر سامورا. 9-نومۇر ئاۋستىرن.
لىۋىرپول كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار: 22-نومۇر رامىنىئورى. 37-نومۇر سىكىتار. 6-نومۇر روفلۇن. 2-نومۇر گېرىن جونسون.3- نومۇر جوس ئېنرىك. 14-نومۇر ھېندىسىن. 8-نومۇر گېرراد. 23-نومۇر ئېمىر جان. 20-نومۇر رالانا. 45-نومۇر بالوتېللى. 31-نومۇر سىتىرىن.
ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشما كوناندىلارنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى:
مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى 4-1 توتىنھام كۇلۇبى
ئارسېنال كۇلۇبى 2-2 ھول شەھىرى كۇلۇبى
ئىۋىرتون كۇلۇبى 3-0 ئاستۇنلا كۇلۇبى
غەربى ھام بىرلەشمىسى كۇلۇبى 1-0 بوئىنرى كۇلۇبى.
جەنۇبى ئەنپىتۇن كۇلۇبى 8-0 ساندىران كۇلۇبى.
چېلسىي كۇلۇبى 2-1 خىرۇستال كۇلۇبى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved