ۋاڭيى تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك تورغا ئۇلانغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ،جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تورى 20 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى .20 يىلدىن بۇيان ئىنتىرنىتنىڭ تورى جۇڭگودا تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلىپ ،ئىقتىساد ،جەمئىيەت ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى .ئەڭ يېڭى ئىستېتىكا نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، ئېلىمىزدىكى تور بەتلىرى 30مىليون 500مىڭدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئون چوڭ ئىنتېرنېت تورى كارخانىلىرىنىڭ ئۈچى جۇڭگوغا جايلاشتى .
بىراق 20 يىل ئىلگىرى كىشىلەر ئىنتىرنىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ،بىرەيلەن زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دېدى :‹ھەمكارلاشقىلى بارساق بىزنى ئىشخانىدىن قوغلاپ چىقىراتتى ، مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندەك ئىنتېرنېت ئىشلىرى بەكلا قىيىن ھېسابلىناتتى ›. مۇشۇنداق شارائىتتا جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تورى تەرەققى قىلىشقا باشلىدى ، 20 يىلدا دۆلەت ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن ،نۇرغۇن سىياسەتلەرنى چىقاردى ،2007 -يىلى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئېىلكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە ۋەزىپىسى تۇرغۇزۇلدى .2009 ۋە 2013-يىللىرى 3Gۋە 4Gتور ئىجازەتنامىسىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن ئېلىمىزنىڭ تور ئەھلى 600مىليوندىن ئېشىپ كەتتى . بەيدۇ تورىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى :‹ئەينى ۋاقىتتا مەن يۈز مىليونلىغان كىشىنى بەيدۇ تورىدا مەشغۇلات قىلسا دەپ ئويلىغان ، ئىنتىرنىتدىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ بۇلىشى ۋە زورىيىشىنى ئويلاپ باقمىغان ›.
بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنېت جۇڭگونىڭ نۇرغۇنلىغان كەسىپلىرىنىڭ دۇنيانىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزدى ،2013-يىلى ئېلىمىزىنىڭ ئېلېكترون سودا بازىرىدىكى سودا سوممىسى 10 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ ، ئۇچۇر ئىستىمال ئومۇمىي كۆلىمى 2تىرىليون 200مىليارد يۈەنگە يەتتى ،ئىنتېرنېت كىشىلەرنىڭ ئالاقە ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتتى . كولېكتىپ تاماق زاكاز قىلىش ،ئىنتىرنىتتا روزىخارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشتەك سېفىرلاشقان شەكىل ،ئەمەلىي تۇرمۇش شەكلىگە ئۆزگەردى .بىراق ئېنتىرنىتنىڭ ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ھەممىسى قولايلىق بولمىدى .تور ئالدامچىلىقى ، تور ئىغۋالىرى ،شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرلاش ، ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن توردىكى تۇمان ۋە ئىس تۈتەككە ئايلاندى .بولۇپمۇ تور بىخەتەرلىك جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ .2013-يىلى ئېلىمىزدا ئۆزگەرتىلگەن تور بېكەتلىرىنىڭ سانى 24مىڭدىن ئاشقان بۇلۇپ ،ئالدىنقى يىلدىكىدىن 46.7% ئاشقان . ئىنتېرنېت ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى قائىدە تۈزۈملەر ئۇنىڭغا تەتبىقلىنىدۇ ،شۇنداقلا ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلىتىشكە قارىتا بەزى قانۇنلارمۇ تۈزۈلدى .بۇلار ئۈچۈن ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك .
لەگلەك تورى ئۈندىدار نومۇرىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved