ھىندىستانلىق ئەر 36يىلدا قاقاس ئارالدا «ئىپتىدائىي ئورمانلىق» بەرپا قىلدى

 خەلق تورى قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ شىمالىدا ماجۇلى دەيدىغان بىر ئارال بولۇپ، 1900-يىلدىن بۇيان كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ئارالنىڭ تۇپراق سۈپىتى يامانلىشىپ كەتكەن، پەسىل شامىلى ئەلا سۈپەتلىك تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارال قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالغان، ئارالدىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ تەدرىجىي يوقالغان.

  1979-يىلى 16ياشلىق ھىندىستانلىق ئوغۇل بالا جاداۋ پايېڭ ئۆزى تۇغۇلغان ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاسسام ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئېقىتىپ كەلگەن نۇرغۇن يىلانلارنىڭ كەلكۈندىن كېيىن قىرغاقتا ئۆلۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن.

  «يىلانلارنىڭ ھەممىسى ئىسسىقتىن ئۆلگەن، چۈنكى ئۇ يەر شۇ چاغدا قۇملۇق بولۇپ، دەرەخ بىلەن قاپلانمىغان ئىدى. قىرغاقتا تۇرۇپ، قۇرۇپ كەتكەن يىلان ئۆلۈكىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. بۇ خۇددى بىر مەيدان قىرغىنچىلىققا ئوخشايتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئورمان باشقۇرۇش تارماقلىرىغا خەت يېزىپ، قۇملۇقتا دەرەخ تىكىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇلار قۇملۇقتا ھىچنېمە تىككىلى بولمايدىغانلىقىنى، بامبۇك تىكىپ سىناپ باقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بىر ئازابلىق جەريان ئىدى. ھىچقانداق قوللاش يوق ئىدى، بىراق مەن يەنىلا قىلالىدىم» دېدى ھازىر 52ياشلىق پايېڭ .

  ھىچكىممۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قۇرۇپ كەتكەن قۇملۇقتا ھازىرقى 550گېكتارلىق قۇيۇق ئورمانلىق بەرپا قىلىنىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئورمانلىقتا ھەرخىل قۇشلار، بۇغا، كەركىدان، يولۋاس، پىل، يەنە نۇرغۇن نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدىكى ھايۋاناتلار ماكانلاشتى. بۇ ھايۋاناتلار جەننىتىنى بەرپا قىلىشقا پايېڭ 36يىل سەرپ قىلدى، ئۆزى يالغۇز بىرىنچى تۈپ دەرەخنى تىكىشنى باشلاش ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كەسپىنى بەلگىلىدى.



خەتكۈچلەر:
04-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
5-ئاينىڭ 4-كۈنى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ چۇڭچىڭ بۆلىكىدە سۇ ئورنى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، دەريا قىنى كەڭ كۆلەمدە يالىڭاچلىنىپ قالدى.
05-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىلەر بولغان چاغ، خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرىدىكى خۇڭچېڭ كۆلىدە زور مىقداردا ئۆلۈك بېلىق پەيدا بولغان بولۇپ، بۈگۈن سائەت 12 گە قەدەر، مۇھىت ئاسراش خادىملىرى كۆلدىن 20 توننىدىن...
04-05-2016
    ئالدىنقى كۈنى، فوتوگراف Steven Stockhall بوتسىۋانادىكى جوب دۆلەتلىك باغچىسىدا شىرنىڭ پاختەك تۇتقاندىكى كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە تارتقان.     ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاختەكلەر سۇ بويىدا سۇ ئىچىۋاتقان بولۇ...
04-05-2016
   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىدە 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئۇدا قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، بەزى كۈنلىرى قارا يامغۇر ياغقان....
03-05-2016
     مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر پىروگراممىسىنىڭ ئورگان تەرەپ مىكروبىلوگىدىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، دالىيەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇرا ھالدىن يۇقىرى يامغۇر ياغقان بولۇپ، قىسم...
03-05-2016
     1-ماي، ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ شىمالى ئاكاندې شىتاتىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى داۋاملىق تۈردە يامراپ، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يەتتە ئادەم قازا قىلغان. بۇ قېتىمقى ئورمان ئوت ئاپىتى بۇ يىل 2...
02-05-2016
     ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان پەلېستىن شەھىرى شۇ جاي ۋاقتى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى كېچىدە بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ قېتىمقى بوران-چاپقۇن زور كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىپ، ھازىرغا قەدەر...
02-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ 1- ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، 15 كۆچمەن ئالدىنقى كۈنى ئۇلار چىققان كېمە چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان بولۇپ،...
02-05-2016
      <1-ماي بايرىمى> لىق دەم ئېلىش بولسا باھار پەسلىدىكى ساياھەتنىڭ  قىزىغان مەزگىلى بولۇپ، خاڭجۇ شەھىرى شىخۇ كۆلىدىكى فونتان ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم نامايەن قىلىندى، ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئ...
02-05-2016
     ئامېرىكا گىئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ سۇماتىرا ئارىلى ( جەنۇبىي كەڭلىك 5.09 گرادۇس، شەرقىي مېردىئان 104.47 گرادۇس ) نىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى رايوندا بېيجىڭ ۋاقتى...
Powered by Leglek