ئېغىر ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقان ئانا كېسەل كارىۋىتىدا ھوشسىز ياتقان ئىدى، ئوغلى بولسا ئازاب ئوقۇبەتكە چىداپ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، بايرامدا ئۆيىگە قايتقان يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئانىسىنىڭ ئاخىرىقى يۈزىنى كۆرەلمىدى.
بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ھەممە ئادەم يېڭى يىلدا ئۆيىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. بۇ ۋاقىتتا ئاپتوبۇس شوپۇرى چېن جيەنۋېي تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ باش بېكەتكە يېتىپ كەلدى، ئاپتوبۇسنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ جىمجىت ھالدا ئاپتوبۇس تەڭشەش ئۆيىدە ئولتۇرۇپ يولغا چىقىشنى كۈتتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئالدىراش يۈرۈپ ئۇنىڭ چىرايىدىكى كەسكىن ئىپادىگە دىققەت قىلمىدى.
ماشىنا قوزغىلىش مۇزىكىسى قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ 34-يول ئاپتوبۇسىنى ھەيدەپ يولدىكى ماشىنا ئېقىمىغا قوشۇلۇپ كەتتى. يول بويى ئۇنىڭ تېلېفونى توختىماي تىترىدى، ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنلا، ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ تېلېفونغا قارىدى، ھەمدە ئون نەچچە قېتىم قوبۇل قىلمىغان تېلېفون خاتىرىسى ۋە بىر تال قىسقا ئۇچۇر بارلىقىنى كۆردى. قىسقا ئۇچۇرغا تۆۋەندىكى خەتلەر يېزىلغان ئىدى: «ئائىلە تاۋابىئاتى ياخشىمۇسىز، سىزنىڭ ئانىڭىز بولالماي قالدى، دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىڭ». ئۇ ناھايىتى ئېغىر كەيپىيات ئىچىدە ماشىنا ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇپ، كۆز ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتقان ھالدا داۋاملىق ئاپتوبۇس ھەيدەپ ماڭدى. يولدا ماشىنا ناھايىتى كۆپ، يوللار توسۇلۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ بېكەتكە كەلگەن ۋاقىتتا، قىسقا ئۇچۇر كەلگەن ۋاقىتتىن 2سائەت 40مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ماشىنىنى مۇقىم توختىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى بېكەت باشلىقىغا ئېيتتى. ئۇ دوختۇرخانىغا بارغاندا ئانىسى ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان ئىدى.
نەچچە كۈن ئىلگىرى، تۇيۇقسىز موماينىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ئىدى. چېن جيەنۋېي خىزمەتداشلىرىغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشتىن ئەنسىرەپ، بۇ ئىشنى كۆپچىلىكتىن يوشۇرغان ئىدى، ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتىمۇ، ئۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان ئىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 22-ئاپرېل، كولۇمبىيە مېدېللېندا «ئاپتوموبىلسىز كۈن» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «يېشىل يول يۈرۈشى»گە ئىلھام بېرىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved