ئەنگلىيە ۋاقتى 13-ئۆكتەبىر كەچتە، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە قاراردا ئوخشاشلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى مۇراجىئەت قىلىندى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا، شۋىتسىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ ھەرىكەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىدى. شۋىتسىيە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ 10 كۈندىن كېيىن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك كېڭىشىپ، ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە پارلامېنتى 274 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 12 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن قارار ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پەلەستىن پۈتكۈل يەر شارىدا برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 134 دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved