بۇ يىل 8-ئايدا، ياۋروپادىكى ئېغىر مۇساپىرلار كىرىزىسىغا قارىتا، گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا دۆلەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بېرلىندا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىر Alex Assali گېرمانىيە كوچىلىرىدا يايما ئېچىپ، ئۆي-ماكانسىز سەرگەردانلارنى ھەقسىز يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ: «مەن گېرمانىيە خەلقىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېگەن ھەمدە بۇ خەتنى يايمىسىغىمۇ يېزىپ قويغان.
«خاففىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2007-يىلى، Assali توردا سۈرىيە ئەلباشى بەشار ئەسەدنى ئەيىبلەيدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلغانلىقتىن، «سىياسىي مەسىلە» گە چېتىلىپ قېلىپ، ئۆز يۇرتى دەمەشقتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ لىۋىيەدە بىر نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن، 2014-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيەگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن.
گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن، Assali بېرلىننىڭ كۆپ جايلىرىدا يايما ئاچقان. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى، ئۇ ئالېكساندىر مەيدانىدىكى ماشىنا بېكىتىگە بېرىپ، نەق مەيداندا سەرگەردانلارغا ئىسسىق يېمەكلىك تەييارلايدىكەن.
ئۇ: «مەن يېڭى تۇرمۇشقا موھتاج بولغاندا، بېرلىنلىقلار ماڭا ياردەم قىلدى، بۇ مېنىڭ ئۇلارغا بولغان رەھمىتىم» دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، Assali ئۆزىنىڭ بۇ ئىشى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئويلاپ باقمىغان بولسىمۇ، يېقىندا ئۇنىڭ دوستى Tabea Bü ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ، Facebook قا يوللىغاندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىدىكى ئاقكۆڭۈل ئەرگە ئايلانغان. ئۇنىڭ بۇ سۈرىتى Imgur تور بېكىتىدە ئۈچ مىليون قېتىمدەك كۆرۈلگەن.
Tabea Bü ئۆزىنىڭ Facebook بېتىدە: «ئۇ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. خەتەر ئىچىدە قالغانلىقتىن سۈرىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى» دەپ يازغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە Assali نىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى باياشات بولمىسىمۇ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق گېرمانىيە خەلقىگە بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرۈشنى ئويلايدىكەن. چۈنكى، Assali ئۆي ماكانسىز قالغاندا، دەل گېرمانىيە خەلقى ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغان ئىكەن.
BuzzFeed نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، Assali ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق 100 گە يېقىن سەرگەرداننىڭ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ھەر ئايدا 120 ياۋرو ئىقتىساد قىلىدىغان بولۇپ، بۇ پۇل ئۇنىڭ ئىككى ھەپتىلىك ھەر شەنبە كۈنىدىكى يايمىسىغا كېتىدىغان چىقىمغا يېتىدىكەن.
Assali: «باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش تۇيغۇسى نېمە دېگەن ياخشى» دەيدۇ. ئۇ يەنە: سەرگەردانلارنىڭ سۆزلىرى دائىم مېنى ياش تۆككۈزىدۇ. ئۇلار دائىم «پەرۋاردىگارنىڭ سېنى بىزگە يەتكۈزگىنىگە كۆپ رەھمەت دەيدۇ» دېگەن.
Tabea Bü گېرمانىيەدىكى Stern ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ Sharehaus Refugio تەشكىلاتى ئارقىلىق Assali نى تونۇغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ تەشكىلات ئۆي-ماكانسىز سەرگەردانلار ۋە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇ Facebook تا بۇ تەشكىلاتنى تەشۋىق قىلىپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن Assail، ئەمەلىيەتتە ھازىرغىچە تېخى بېرلىندىن خىزمەت تاپالمىغان بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم سىناپ باققان بولسىمۇ، غەلىبىلىك بولمىغان. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
«مېنىڭ ئارزۇيۇم كەلگۈسىدە ئۇلارنى ياتقۇزغۇدەك چوڭ بىر ئۆيگە ئىگە بولۇپ، بۇ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىش. ئۇلار توغرا يولغا باشلاشقا موھتاج» دەيدۇ،
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved