رۇسىيە دۆلەتلىك پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى يېقىندا رۇسىيە بىلەن كۇبا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ماقۇللاپ، كۇبانىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە نېسى قالغان %90 قەرزىنى كەچۈرۈم قىلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ كۇبادا زىيارەتتە بولىدۇ.
رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىم پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن بۇ قېتىمقى زىيارەتتە فىدىل كاستىرو بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
90-يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە كۇبا بىلەن بارلىق ئالاقىسىنى توختاتقان. 2005-يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە تەدرىجىي ياخشىلاندى. ھازىر كۇبا بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ئەڭ كۆپ دۆلەت- ۋېنېسۇئېلا، جۇڭگو، ئىسپانىيە، رۇسىيە-كۇبانىڭ 9-چوڭ سودا شېرىكى، 2011-يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئىككى مىليارد 224مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved