سىچۈەن ئۆلكىسى چىڭدۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ياڭ فامىلىلىك يېقىندا ئۆي سېتىۋالغاندا باجنى ئاز تاپشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭ فامىلىلىك بىلەن ئالاقىلىشىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ساختا نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمنامىسىنى ياساتماقچى بولغان. ياڭ فامىلىلىك جۇڭ فامىلىلىكنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن، جۇڭ فامىلىلىك باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ چىڭپەيجاڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى نامىدىكى ساختا نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمنامىسىنى 3800 يۈەنگە سېتىۋالغان، كېيىن ياڭ فامىلىلىك بۇ ھۆكۈمنامىنى ئېلىپ ئۆي سېتىۋالماقچى بولغاندا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىكى خادىملار ھۆكۈمنامنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
ياڭ فامىلىلىك بىلەن جۇڭ فامىلىلىك ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشكەن، ياڭ فامىلىلىكنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئېرى بىلەن چىېدۇ شەھىرىدىن ئۆي ئالغان، چېڭدۇ شەھىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلەردىن ئېلىنىدىغان باج سىياسىتىگە ئاساسەن، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغاندا بىرىنچى يۈرۈش ئۆيىگە قارىغاندا 20 مىڭ يۈەن ئارتۇق باج تۆلىنىدىكەن، لېكىن ياڭ فامىلىلىك بۇ باجنى ئاز تۆلەش ئۈچۈن ساختا نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمنامىسىنى سېتىۋالغان.
چىڭپەيجاڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ياڭ فامىلىلىككە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججىتىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈش؛ جۇڭ فامىللىككە مۇددەتلىك ئون ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved