تېز يەتكۈزۈش خادىمى پوسۇلكىلارنىڭ ئۈستىدىكى ئادرېسىنى جەزىملەشتۈرمەكتە. شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا توردىن مال سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدارلار سەمىگە: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى 28-يانۋاردىن باشلاپ مال تاپشۇرۇپ ئالمايدىكەن. تېز يەتكۈزگۈچلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتكەچكە يەنە بىر قىسم تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى مال توشۇشنى توختاتقان.
27-يانۋار چۈشتىن كېيىن، يېڭىلا توي قىلغان جاڭ لىڭنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇ خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ چاغانلىق ماللارنى سېتىۋېلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي توردىن سېتىۋالماقچى بولغان، بىراق، دۇكانلار غەربىي رايونلارغا مال سېلىش توختىتىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭدىن سىرت، چاغان مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى تېز يوللانمىلىرىنىڭ كېچىكىپ، بۇزۇلۇپ كېتىشتەك ئەھۋاللارغا يولۇقسا 12305 قىززىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved