پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تۆنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، گازا رايونىدا شۇ كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتىلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ خىل جىنايى قىلمىش پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ گازانى قايتا قۇرۇش تىرىشانچانلىقىغا تەسىر قىلىدۇ. باياناتتا بۇ، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا زىت كېلىدۇ دېيىلدى.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسمۇ بۇ بىر قاتار پارتىلىتىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەردىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى تۆنۈگۈن سەھەردە، گازا رايونىدىكى 15 جايدا بىرلا ۋاقىتتا پارتىلاش يۈز بەردى، نىشاننىڭ ھەممىسى پەلەستىن مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى فاتاخنىڭ ئەمەلدارلىرى بولدى. نۆۋەتتە ھىچقانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ پارتىلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى. ئەمما خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە،
پارتىلىتىشنىڭ مەقسىتى كېلەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پەلەستىننىڭ قازا قىلغان رەھبىرى ئارافاتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved